ساغلاملىق ﻫەققىدە ماقال-تەمسىللەر
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 649 قىتىم
※ كىچىكىڭدىن چېنىقىپ بەرسەڭ، قېرىغاندا دورىغا ﻫاجىتىڭ چۈشمەس.
※ ﻫەرە ﻫەسەل يىغار، ﻫۇرۇن كېسەل (يىغار).
※ سوغۇق تاپاندىن ئۆتەر، كېسەل ئېغىزدىن.
※ كۆكتاتنىڭ سەرخىلى سامساق، داۋاملىق يېگەننىڭ تېنى ساق.
※ ياخشى تاماق دەپ كۆپ يېمە، ياخشى ﻫاراق دەپ كۆپ ئىچمە.
※ سۈرتۈلمىگەن پىچاقنى دات باسار، چېنىقمىغان بەدەننى دەرد (باسار).
※ شادلىق ــــ ساغلاملىق، غەم - قايغۇ ــــ كېسەللىك.
※ بىر كاپام ئاز يە، بىر ماڭدام جىق ماڭ.