خىروئىن بىلەن ساختا دورىنىڭ سۆﻫبىتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 803 قىتىم
تۇرسۇنجان ئابدۇرېﻬىم (فىليەتۇن)
بۇ كۈنلەردە خىروئىن بىلەن ساختا دورا بىر قىسىم كىشلەرنىڭ كۆڭۈل تۆرىنى تالىشىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.راستىنى ئېيىتقاندا خىروئىن ساختا دورىغا بەكلا ﻫەسەت قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى.
بىر كۇنى خىروئىن ساختا دورىغا ئىچىنى تازا بوشۇتۇپ ئۇنىڭ شۇنچە بازار تېپىپ كىتىشدىكى سىرىنى بىلمەكچى بۇلۇپ ئونى چاي سۆﻫبىتىگە چاقىردى.
خىروئىن ساختا دورىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسۈتۈپ قۇيۇش كويىدا مول داستىخان ﻫازىرلىدى.
ساختا دورا خىروئىننىڭ داستىخىنىغا ئۆز ۋاقتىدا داخىل بولدى.
ئۇ بەكلا سالاپەتلىك ﻫەم تەكەببۇر بۇلۇب كەتكەن ئىدى.
ـ دوستۇم ساختا دورا ئېيتىپ باققىنە، بىز بىر يولدىكى دوستمۇ ئەمەسمۇ؟
-ﻫەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتكە زور زىيان سالىدىغان، ئۇلارنىڭ قىسقىغىنە ﻫەم قىممەتلىك ﻫاياتىنى ناﻫايتى تېز نابۇت قىلىدىغان مەلئۇن بىز- دېدى ساختا دورا جاۋابەن.
-سوزلىرىڭ ئورۇنلۇق دوستۇم، ﻫەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتنىڭ رەزىل دۈشمىنى.ئەمما مەن بەزىدە شۇنچىۋالا بازار تېپىپ كىتىۋاتقانىڭغا قاراپ ساڭا ﻫەسەت قىلىپمۇ قۇيىمەن.
بۇ دېگەن ﻫازىرقى زامان تىلى بۇيىچە «رىقابەت» دىيىلىدۇ.
ئېيتىپ باققىنە، سىنىڭ نىمە سىرىلىرىڭ بار؟ - دېدى خىروئن ساختا دورىغا ئسىل شاراپنى رومكىغا بېلىق كۆزى قۇيغاچ.
-دوستۇم ساڭا ئېيتىپ بېرەي،
مېنىڭ ئىگىلىرىم ﻫېساپلىنىدىغان ئاشۇ بىر قىسىم كىشلەر خۇددى سېنىڭ ئىگىلىرىڭگە ئوخشاشلا رەزىللىكتە ئۇچچىغا چىققان بولغاچقا ئۇلاردا ۋىجدان،ئىنساب، دىيانەت نىمە ئىش قىلسۇن؟ شۇڭلاشقا ئىگىلىرىم مېنى ﻫەرقايسى مىدىيە بولۇپمۇ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئارقىلىق بۇلۇشىغا كۆپتۈرۈپ ماختايدۇ.ئۇنداق پايدا قىلىدۇ - يەي، بۇنداق تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ - يەي، دەپ كۈندە نەچچە قېتىملاپ ئېلان قىلىۋەرگەچكە ماڭا خېلى كۆپ ساندىكى كىشلەر ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتتى......
ساختا دورا بەكلا مەنمەنچى، سۆزمەن بولغاچقا سۆزدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
-ساڭا دېسەم دوستۇم،
بىزنىڭ بازار تېپىشىمىز ئىگىلىرىمىزنىڭ ﻫىلىگەر، قۇۋلۇقىغا، چىرايلىق گەپ بىلەن ئېيىتقاندا ئەقىل-پاراسىتىگە باغلىق. مېنى ئۇچۇقتىن- ئۇچۇق ماختاپ ساتىدۇ، سېنى بۇلۇڭ- پۇشقاقتا ساتىدۇ. شۇڭا ﻫازىر مېنىڭ ئىگەمگە يەتكۈزىدىغان ﻫارام پايدام سىنىڭ يەتكۈزدىغان ﻫارام پايداڭدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. بۇ گەپلەرنى مەن ئۆزۈمچە دەۋالمىدىم، مەن بۇنى ئىگەمدىن كۆپ ئاڭلىغان.
ماڭا ئىشىنىپ راست گىپىڭنى ئىيىتقىنىڭغا رەﻫمەت-دېدى خىروئىن ﻫەرخىل مەزەلەر بىلەن تۇيۇپ كەتكەن قورساقلىرىنى سىلىغاچ.
- بەزى ئىنسانلار ﻫەقىقەتەنمۇ بەك نادان، مەنمۇ قايسى مىللەتتە نادانلىق ئەۋج ئالسا شۇ توپ ئىچىدە بەكلا بازار تاپىمەن. مېنى ئىستىمال قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە يېشى كىچىكلەرمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىللەيدۇ. مەن ئۇلارنى ئۇ دۇنياغا بالدۇرراق ئۇزىتىۋېتىش بىلەن ئالدىراشلا يۈرۈيمەن.
-مەنمۇ شۇ – دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ساختا دورا،گەرچە نۆۋەتتە تىببىي ئىلىم زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئايرىم كىشىلەرنىڭ ﻫاماقەتلىكى تۈپەيلى مەنمۇ بازىرى ئىتتىك مەﻫسۇلاتقا ئايلاندىم. جەمئىيەت ماڭا زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ مېنىڭ ئىگىلىرىم تۈرلۈك قانۇنسىز يوللار بىلەن مېنى يەنىلا كەڭ كۆلەمدە سېتىپ چىقىرىپ كېسەل داۋالاش تۈگۈل تېخىمۇ ئېغىر، غەلىتە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلماقتا. بىز ﻫازىر رەزىللىكتە رېكورت ياراتتۇق دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. قىسقىسى ﻫەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتكە ئاپەت ﻫېساپلىنىمىز .شۇڭا ئىنسانلار بىزگە ﻫەر ۋاقىت غەزەپ-نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بىزنى يوقۇتۇشقا تىرىشماقتا.
-جان جىگەر دوستۇم سەن ﻫاراقنى جىق ئىچىۋالدىڭ، سەن بۈگۈن مېنىڭ يېنىمدا قۇنۇپ قالغىن، بىز كېچىچە ئىگىلىرىمىزگە ئۆمۈر بۇيى سادىق بۇلۇش، ئىنسانىيەتكە قاقشاتقۇچ زەربە بىرىشنىڭ يېڭىدىن- يېڭى پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقايلى- دېدى كەيپى چاغ بولغان خىروئىن.ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك سۆﻫبەتلىرى تېخى ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلمايتتى. (بايىنغولىن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تۇرسۇنجان ئابدۇرېﻬىم)