ئۈچ كۈن ساقلاش (ئەدەبىي خاتىرە)
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 582 قىتىم
ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارغان بىر جۇڭگولۇق ئايال يازغۇچى نيۇ-يورك كوچىسىدا بىر گۈل ساتقۇچى موماينى ئۇچرىتىپتۇ.بۇ موماينىڭ كىيىملىرى كونا، تۇرقىمۇ ناﻫايىتى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، بىراق چىرايىدىن شۇنچىلىك جەزبىدارلىق ۋە خۇشاللىق تەپچىپ تۇراتتى. ئايال يازغۇچى بىر تال گۈل تاللاپتۇ:
ـــ قارىماققا ناﻫايىتى خۇشال كۆرۈنىسىزغۇ!
ـــ نېمىشقا خۇشال بولمىغۇدەكمەن؟ ﻫەممە نەرسە شۇنچىلىك گۈزەل تۇرسا!
ـــ تۇرمۇش دىشۋارچىلىقلىرىغا نىسبەتەن شۇنچىلىك ئوچۇق-يورۇق مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز، ـــ دەپتۇ ئايال يازغۇچى ئىختىيارسىز ﻫالدا.
موماي ئايال يازغۇچىنىڭ سۆزىدىن قاتتىق ﻫەيران قاپتۇ:
ـــ ئەيسا كىرىستقا مىخلانغاندا پۈتۈن ئالەم-جاﻫان بىر كۈن مۇسىبەتكە چۆمگەن. بىراق، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قايتا تىرىلگەنىدى. شۇڭا، مەن ﻫەر قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساممۇ پەقەت ئۈچ كۈنلا ساقلايمەن.
ئۈچ كۈن ساقلاش! نېمىدېگەن ئادەتتىكىچە ﻫەم پەلسەپىگە تويۇنغان ياشاش ئۇسۇلى-ﻫە! ئۇ غەم-قايغۇ ۋە ئازابقا دۇچار بولغىنىمىزدا كىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن خۇشاللىققا ئېرىشىشكە يېتەكلەيدۇ!