guide
ﻫاياتلىقنىڭ قىممىتى (ئەدەبىي خاتىرە)
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
580 قىتىم
 
دارىلتامدا چوڭ بولغان بىر بالا دائىم دارىلتام باشلىقىدىن سورايدىكەن:
ـــ مەندەك ﻫېچكىمگە كېرىكى بولمايدىغان بالىنىڭ ياشىشىنىڭ نېمە ئەﻫمىيىتى بولسۇن؟
دارىلتام باشلىقى ﻫەمىشە كۈلۈپلا قويۇپ جاۋاب بەرمەيدىكەن.
بىر كۈنى دارىلتام باشلىقى ﻫېلىقى بالىغا بىر تاشنى بېرىپتۇ:
ـــ ئەتە ئەتىگەن بۇ تاشنى شەﻫەرگە ساتقىلى ئاپارغىن. بىراق، ﻫەقىقىي ساتمايسەن، ئېسىڭدە بولسۇن، كىشىلەر مەيلى قانچە پۇل باﻫا قويسۇن، ﻫەرگىز ساتما!
ئەتىسى بالا ﻫېلىقى تاشنى تۇتۇپ بازارنىڭ بىر چېتىدە ئولتۇرغانىكەن. كۈتۈلمىگەندە نۇرغۇنلىغان ئادەم ئۇنىڭ قولىدىكى تاشنى كۆرۈپ قىزىقىپ قاپتۇ ۋە خېلىلا يۇقىرى باﻫا قويۇپتۇ. دارىلتامغا كەلگەندە بالا ناﻫايىتى خۇشاللىق بىلەن ئەﻫۋالنى دارىلتام باشلىقىغا ئېيتقانىكەن، ئۇ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە بالىغا ﻫېلىقى تاشنى ئەتە ئالتۇن بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىشنى تاپىلاپتۇ. ئالتۇن بازىرىدا بەزىلەر بۇ تاشنى تۈنۈگۈنكىدىنمۇ ئون ﻫەسسە يۇقىرى باﻫادا سېتىۋالماقچى بولۇشۇپتۇ.
ئاخىرى دارىلتام باشلىقى بالىغا بۇ تاشنى ئۈنچە-مەرۋايىت بازىرىدىكى يەرمەنكىگە ئېلىپ بېرىشنى تاپىلاپتۇ.نەتىجىدە تاشنىڭ باﻫاسى يەنە ئون ﻫەسسە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، بالا تاشنى قەتئى ساتماپتۇ ۋە بۇ تاش يەرمەنكدە «نادىر گۆﻫەر» بولۇپ باﻫالىنىپتۇ.
بالا قىن-قىنىغا پاتماستىن تاشنى كۆتۈرۈپ دارىلتامغا كەپتۇ ۋە دارىلتام باشلىقىدىن نېمىشقا مۇنداق بولىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. بۇ چاغدا دارىلتام باشلىقى كۈلمەپتۇ، ئەكسىچە بالىغا ئالدىرىماي چۈشەندۈرۈپتۇ:
ـــ ﻫاياتلىقنىڭ قىممىتى مۇشۇ تاشقا ئوخشايدۇ. ئوخشىمىغان مۇﻫىتتا ئوخشىمىغان مەنىگە ئېگە بولىدۇ. ﻫېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان بىر تال تاش سېنىڭ قەدىرلىشىڭگە ئېرىشىپ قىممىتى ئېشىپ نادىر گۆﻫەرگە ئايلاندى. سەن بۇ تاشقا ئوخشىمامسەن؟ پەقەت ئادەم ئۆزىنى دەڭسىيەلىگەندىلا، ئۆزىنى قەدىرلىيەلىگەندىلا ئاندىن ﻫاياتىنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتى بولىدۇ.