ئۆزىدىن مەغلۇب بولۇش (ئەدەبىي خاتىرە)
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 776 قىتىم
بىر كۈنى كېچىدە قاپقاراڭغۇ يول ئۈستىدە بىر يىگىتنىڭ ماشىنسىنىڭ بالونى تېشىلىپ كېتىپتۇ. يىگىت سايمان ساندۇقىنى ئاختۇرۇپمۇ دامگىراتنى ﻫېچ يەردىن تاپالماپتۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ يولدىن خېلى بىر چاغقىچە ﻫېچقانداق ماشىنا ئۆتمەپتۇ. ئۇ يىراقتا چىرىقى يېنىغلىق بىر ئۆينى كۆرۈپ، ئاشۇ ئۆيدىن دامگىرات ئارىيەت ئالماقچى بولۇپتۇ. يولدا ئۇ توختىماستىن خىيال قىلىپ مېڭىپتۇ: «ﻫېچكىم ئىشىكنى ئاچمىسا قانداق قىلارمەن؟ دامگىرات بولمىسىچۇ؟ ئۇ خۇمپەر دامگىرات بار تۇرۇپ ئارىيەت بەرگىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟»
يول بويى ئۇ ئويلىغانسىرى تازا جۇدۇنى تۇتۇپتۇ، ﻫېلىقى ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىشىكنى چەككەنىكەن، ئۆي ئىگىسى چىقىشىغىلا ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تىللاپ كېتىپتۇ:
ـــ ﻫۇ ئاناڭنى! دامگىرات دېگەن تېپىلمايدىغان نەرسىمىتى؟
خوجايىن ئەر-خوتۇننىڭ تازا ئاچچىقى كەپتۇ-يۇ، ئۇنى بىر روﻫىي كېسەل ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئىشىكنى «گۈممىدە!» تاقاپتۇ.
يولدا كېتىۋېتىپ يىگىت دائىم كۆرۈلىدىغان «ئۆزىدىن مەغلۇب بولۇش»تەك بىر خىل تەپەككۇر يولىغا كىرىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ﻫالقىپ كېتەلمىگەن.ئۇ ئاللىقاچان دامگىرات ئارىيەت ئېلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغان. چوقۇم ئارىيەت ئالالمايمەن دەپ ﻫېس قىلغان. خەقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇ ئۆزىنى تۇتالماستىن باشقىلارنى تىللاپ كەتكەن. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىدە نۇرغۇنلىغان ئۈمىدسىز خىياللارنى قىلىمىز، نەتىجىدە ﻫەقىقەتەن ئورۇنسىز ئەﻫۋالغا چۈشۈپ قالىمىز.