ئېﻬ، سۆيۈملۈك تاشيول!
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 800 قىتىم
لىرىك نەسر
پاتىمە مۇﻫەممەت
ئىلاۋە: يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹‹ئاﻫ، رەﻫىمسىز دەريا›› ناملىق پوۋېستىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەردىكى باش پېرسوناژ تۇردى رەزگىنىڭ مەشۇقى ئاينىسا داۋالىنىش ئۈچۈن دەريانىڭ بۇ قېتىدىكى ئۆز يۇرتىدىن دەريانىڭ قارشى تەرىپىدىكى دوختۇرغا بېرىش يولىدا سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، بىچارە تۇردى رەزگى بىر ئۆمۈر توي قىلماي، يېمەي-ئىچمەي ناﻫايىتى غورىگۈلچىلىك ئىچىدە تاپقان پۇلىنى ئاشۇ دەرياغا كۆۋرۈك سالدۇرۇش ئۈچۈن ﻫۆكۈمەتكە ئىئانە قىلغانلىقى مېنى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.
....ئاشۇ كۆۋرۈكسىز دەريا-ئېقىنلاردا، قانچىلىغان ئادەملەر سۇغا غەرق بولۇپ كەتتى، يەنە ئاشۇ ياسالمىغان ئېگىز-پەس يوللاردا كىم-كىملەر دەرد-ﻫەسرەتتە قالدى؟ بىرى دادىدىن، بىرى ئانىدىن، يەنە بىرى قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ ياقا يىرتىشتى. بەزىلەر ‹‹يول ياخشى بولغان بولسا بۇ بالا-قازامۇ كەلمىگەن بولاتتى›› دېسە، يەنە بەزىلەر ‹‹ئاﻫ! بۇ يول قاچانمۇ ئوڭشىلار›› دەپ نىدا قىلىشتى... ﻫەقىقەتەن، يول ياخشى بولمىسا، دەريا-ئېقىنلاردا كۆۋرۈك بولمىسا كىممۇ ئۆز بوسۇغىسىدىن خاتىرجەم ئاتلاپ كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتەلىسۇن؟
ئېﻬ، سۆيۈملۈك تاشيول!
سەن مېنىڭ بارلىقىم ﻫەم كەلگۈسۈم، پەخرىم! كىشلىك تۇرمۇشقا قەدەم بېسپ، مېنىڭ مېﻬىر بەرگىنىم ﻫەم ئەجىر سىڭدۈرگىنىم دەل سەن، مېنىڭ ئۈمىدىم ﻫەم غېمىم دەل سەن ـــ تاشيول.
ئۆيدە ئانىلىرىمىز تاتلىققىنە ئەتكەن بىر قازان ئوخشىغان ئېشىدىن كۆڭلى قانائەت تاپقاندا، باغۋەنلىرىمىز ئۆزى تىككەن مېۋىلىك كۆچەتلەرنىڭ مېۋىسىنى تېتىغان چاغدا، باشقىلاردىنمۇ بەكرەك ﻫۇزۇر ﻫېس قىلىدۇ. مەنمۇ ﻫەم شۇنداق، چۈنكى مەن بىر تاشيولچى، يەنە كېلىپ تاشيولغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان بىر تاشيولچى، ئۇزاققا سوزۇلغان تۈپتۈز كەتكەن يوللارغا قاراپ كۆڭلۈمدە مېﻬرى-مۇﻫەببەت ﻫەم ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى قاينايدۇ.
مېنىڭ سۆيۈملۈك ﻫەمراﻫىم تاشيول، مەن سېنىڭ ئېۋەنسىزلىكىڭ بىلەن خۇشال، سېنىڭ بۇزۇلغان، چۇۋۇلغان يەرلىرىڭگە قاراپ خۇددى بالامنىڭ بىرەر يېرىگە يارا چىقىپ قالغاندەك كۆڭلۈم غەشلىككە تولىدۇ. بالامنى ساقايتمىغۇچە كۆڭلۈم ئارام تاپمىغاندەك سېنىڭ ئاشۇ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرغۇچى قىياپىتىڭ ئەسلىگە كەلمىگۈچە كۆڭلۈم ئارامسىزلىنىدۇ. يولۇچىلارنىڭ ئاپتوبۇستا خاتىرجەم كېتىۋاتقان چىرايىدىن رازىمەنلىك ﻫەم مەمنۇنىيەت ﻫېسلىرىنى قەلبىم سېزىپ تۇرىدۇ.
ئېﻬ، سۆيۈملۈك تاشيول!
مەندە دوختۇرلارغا خاس مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار. خۇددى دوختۇرلار ئۆز بىمارىنى ئۆلۈم يولىدىن قايتۇرۇپ كەلگەندىكى ﻫېسسىياتىدەك، مەنمۇ سېنىڭ رېمونت قىلىنغاندىن، قايتا ياسالغاندىن كېيىنكى چىرايلىق ﻫۆسنۈڭدىن ئىپتىخارلىنىمەن.
ئېﻬ، سۆيۈملۈك تاشيول!
مېنىڭ ساڭا قانچىلىك مېﻬرى-مۇﻫەببىتىم بارلىقىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن، چۈنكى سەن مېنىڭ دوستۇم. مېنىڭ خۇشاللىقىم ﻫەم ئازابلىرىمغا ﻫەمشېرىك بولغۇچى سەن. مېنىڭ ئازابلىق ﻫېسلىرىمغا پەقەت سەنلا ئۈن-تۈنسىز سۈكۈت قىلىسەن، مېنىڭ خوشال كۈلكىلىرىمگە ﻫەم جۆر بولىسەن.
ئېﻬ، سۆيۈملۈك تاشيول!
سېنىڭ راۋانلىقىڭ ﻫەم قولايلىقلىقىڭ مەن ئۈچۈن بەخت، مەن ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن چەكسىز بەخت. سەن بولمىساڭ ئىدىڭ، ئەنە ئاۋۇ كېتىۋاتقان پۇزۇر كىيىنگەن قىز-جۇۋانلىرىمىز توپا-تۇمانغا مىلەنگەن بولاتتى. مەشۇقى تامان يول ئالغان ماۋۇ يىگىتمۇ مەنزىلگە ۋاقتىدا يېتەلمەي يۈرىكى پارە-پارە بولغان بولاتتى. سەن بولمىساڭ ئىدىڭ، ئاشۇ قىممەت باﻫالىق ئاپتوموبىللار بۇنچە خاتىرجەم يۈرەلمەس ئىدى.
ئېﻬ، سۆيۈملۈك تاشيول!
سەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قوۋۇرغىسى، سەن بايلىق خەزىنىسىگە تۇتاشقان بىر كۆۋرۈك، سەن خۇددى مۇﻫەببەتلىك كۆڭۈللەرنى تۇتاشتۇرغۇچى بىر كۆرۈنمەس رىشتە. شۇڭا مەن سېنى قانچىلىك مەدﻫىيەلىسەم، قانچىلىك مۇﻫەببەت باغلىسام ﻫەم ئەجىر سىڭدۈرسەم، سۆيۈنسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.
يول ياخشى بولمىغان جايدا ﻫامان پاراكەندىچىلىك ﻫەم خېيىم-خەتەر مەۋجۇت. مەن ئەنە شۇ خېيىم-خەتەرلەرگە قارشى تۇرغۇچى بىر پىداكار.
ئېﻬ، سۆيۈملۈك تاشيول!
ئارزۇ-ئارمانلىرىم سەن ئارقىلىق ئىشقا ئاشقۇسى...
باتۇر، چىۋەر قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ گۈرجەك تۇتقان، قاداق باسقان، پىشقان قوللىرى ئارقىلىق قار-يامغۇر ﻫەم كەلكۈن ئاپىتىدەك ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچى تەبىئەت ﻫادىسلىرى ﻫامان مەغلۇب بولغۇسى.
ئاپتور: بۈگۈر تاشيول شۆبە ئىدارىسىدا