ئاپامغا سېتىۋالغان iphone 6 ـــ بىر يۇمۇر
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-27
- كۆرۈلۈشى:
- 1556 قىتىم
ئاپام ئادەتتە بەك ئىقتىساتچىل, تېجەشلىك, قولىدىكى تېلفۇننى ئىشلىتىۋاتقىلى نەچچە يىللار بوپ كەتكەنتى, ئالدىنقى كۈنى مۇئاشىم چىققاندا ئاپامغا iphone6دىن بىرنى سوۋغا قىلدىم…
-نەچچە پۇلغا ئالدىڭ بالام بۇنى?
-500كويغىلا ئالدىم ئاپا خاتىرجەم ئىشلىتىۋەگىن…
بۈگۈن ئاپام ماڭا ھاياجانلىنىپ تېلفۇن قىپتۇ:
-بالام, ھېلىقى سەن ئەپ بەگەن تېلفۇننى 1000كويغا سېتىۋەتتىم, بولسا يانا كۆپرەك سېتىۋېلىپ ئەكەلگىنە, يانا بەك جىق ئادەم ئالىمىز دەيدۇ…
-بۇ… … ئاپا يۈرىگىم سەل بىئارەم بوۋاتىدۇ, باشقا تېلفۇن قىلاي ساڭا…
(ئۆزەڭلار بىلىسىلەر بۇنىڭ ئەسلى باھاسىنى)