guide
يالغان سۆز
يوللانغان ۋاقتى :
10-07
كۆرۈلۈشى:
865 قىتىم
پىسخولوگىيە پروفېسسورى دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا:
-مەن بۈگۈن سىلەرگە «يالغانچىلىق» مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىمەكچى. بۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە مەن ئۆزۈمنىڭ «يالغانچىلىق توغرسىدا مۇﻫاكىمە» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىمدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتتۈم. ناۋادا ئاراڭلاردا بۇ كىتابىمنى ئوقۇغانلار بولسا، قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار،-دەپتۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ﻫەممىسى قولىنى كۆتۈرۈپتۇ.
-ناﻫايىتى ياخشى،-دەپتۇ پروفېسسور،-«يالغانچىلىق» توغرىلىق ﻫەممىمىزدە ئەمەلىي چۈشەنچە ﻫاسىل بولدىغۇ دەيمەن؟ چۈنكى مېنىڭ بۇ كىتابىم تېخى نەشىردىن چىقمىدى،-دەپتۇ.