غىدىق-غىدىق
- يوللانغان ۋاقتى :
- 10-07
- كۆرۈلۈشى:
- 1007 قىتىم
بىر جۈپ قۇشقاچ ئوۋچىنىڭ ئۇلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزمەكچى بولۇپ تۇرغانلىقنى كۆرۈپ، بىرسى يەنە بىرسىگە: «سەن نەق مەيداننى قوغدا، مەن ساقچى چاقىرىپ كېلەي» دەپتۇ.
تىلى كەمتۈك بىرەيلەن ئاتسېنت بولغاندا، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ باشقىلارنىڭ قەغىزىگە ئوغرىلىقچە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغان ﻫالدا: «سەن، سەن، سەن كۆچۈرۈشكە جۈرئەت قىلدىڭمۇ، ئورنىڭدىن تۇر» دېيىشىگە بەش نەپەر ئوقۇغۇچى بىراقلا ئورنىدىن تۇرۇشۇپتۇ.
-تۈنۈگۈن ئورۇقلىتىش چېنىقىشىغا تىزىملاتتىم. ئۇلارنىڭ تەلىپىچە بولغاندا مەشىق ۋاقتىدا كەڭرەك كىيىملەرنى كىيىش شەرت ئىكەن.
-نېمە دېگەن قاملاشمىغانلىق، كەڭرەك كىيىملەرنى تاپالىغان بولسام، ئورۇقلايمەن دەپ ئاۋارە بولاتتىممۇ؟!
دادا بالا بېلىق تۇتقىلى بىر قولۋاقنى ئىجارە ئاپتۇ، ئۇلار كۆلنىڭ ئىنتايىن تېنچ بىر يېرىدە نۇرغۇن بېلىق بارلىقىنى بايقاپتۇ.
-نېمىدېگەن ياخشى، بىز بۇ يەرگە بەلگە سېلىپ قويۇپ ئەتىمۇ كېلەيلى!-دەپتۇ دادىسى.
قايتىشتا دادىسى بالىسىدىن:
-نەگە بەلگە سالدىڭ؟-دەپ سوراپتۇ.
-مەن بوردا قولۋاق سىرتىغا بىر دۈگىلەك سىزىپ قويدۇم،-دەپتۇ بالىسى.
-ﻫەي دۆت،-دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ دادىسى،-ئەتە بىز بۇ قولۋاقنى ئىجارىگە ئالغىچە باشقىلار ئېلىپ كېتەمدۇ تېخى!
زىراپە مايمۇنغا ياتلىق بولۇپ، بىريىلدىن كېيىنلا ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ مايمۇنغا:
-خېتىمنى بەر، ئېگىز-پەس سەكرەپ يۈرۈشلىرىڭدىن زېرىكتىم!-دەپتۇ. مايمۇنمۇ كۆڭلىدىكى گەپنى قىپتۇ :
-ئاجراشساق ئاجراشتۇق، مەنمۇ سېنى يەرگە چۈشۈپ قۇچاقلاپ، دەرەخكە چىقىپ سۆيۈشتىن جاق تويدۇم!