ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 10-07
- كۆرۈلۈشى:
- 756 قىتىم
بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسى بەكلا تەلەپچان بۇلۇپ، ﻫەمىشە ئۇنى قائىدە يۇسۇنلۇق بۇلۇشقا ئۈندەيدىكەن. ئەمما بالا تېخى ئۈچ ياشتا ئىكەن.
بىر كۈنى بۇ ئائىلىدىكىلەر كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىپتۇ. بىر چاغدا ﻫېلىقى بالا «ئانا سىيگۈم كەپ كەتتى» دەپ ۋارقىراپ، ﻫەممەيلەننىڭ دىققىتنى تارتىپتۇ. ئانىسى بالىنىڭ بۇ قىلىقىدىن بەكلا ئوڭايسىزلىنىپتۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن ئانىسى بالىنىڭ ﻫەر قانداق چاغدا سىيگۈسى كەلسە «ناخشا ئېيتقۇم كىلىۋاتىدۇ» دىيىش لازىملىقىنى تاپىلاپتۇ.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، بالىنىڭ چوڭ دادىسى ئۇلارنى يوقلاپ كەپتۇ. بالا چوڭ دادسىغا بەك ئامراق ئىكەن. كەچتە بالا چوڭ دادسىدىن چۆچەك ئاڭلاپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن ئويغىنىپ: «بوۋا، ناخشا ئېيتقۇم كىلىۋاتىدۇ» دەپتۇ. بوۋاي، بۇ كىچىدە باشقىلارنى ئويغىتۋەتمىسۇن دەپ نەۋرىسىگە: «ئوبدان بالام، ناخشا ئېيتقۇڭ كەلگەن بولسا مىنىڭ قۇلىقىمغا ئېيتقىن» دەپ پىچىرلاپتۇ.