خوتۇنۇڭغا ﻫەرگىز پايپاق سوۋغا قىلما
- يوللانغان ۋاقتى :
- 10-07
- كۆرۈلۈشى:
- 1084 قىتىم
بىز كۇلۇپتا بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئىدۇق. بىز دىگىنىم مەنسەپدار ئاسىم بەي ﻫەمدە مەنسەپ پەشتىقىغا ئەمدىلا قەدەم بىسىۋاتقان كەمىنە ئىدى.
-ئاڭلىسام سېنى ئۆيلەنمەكچى دەيدىغۇ؟-دەپ سورىدى شېرىكىم.مەن ئۈندىمەي بىشىمنى لىڭىشتتىم.
-ساڭا پەقەت بىرلا مەسلىﻬەتىم بار. خوتۇنۇڭغا قەتئىي قىممەت باﻫالىق پايپاق سوغا قىلىپ سالما.
ئۇ شۇنداق دىگەندىن كېيىن ئۆز ﻫاياتىدىكى ﻫېكايىنى سۆزلەپ بەردى.
....مەن پۈتۈن ئۆمرۈمدە كەمتەر، ئىتائەتكار بىر خوتۇن ئېلىشنى ئارزۇلاپ كەلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن 15يىل كۈتۈپ ئاندىن كۆڭلۈمدىكىدەك بىر قىزنى تاپتىم. ئۇنىڭ ئىسمى سەبىﻬە بولۇپ، 21ياشتا ئىدى. ﻫۆسۈن-چىرايى بىر قاراشتا ئۇنچە كۆزگە تاشلانمىسمۇ، ماڭا يېقىپ قالدى. مەن ﻫەر قېتىم<ساڭا شۇنداق سوغىلارنى قىلايكى....> دېيىشىم بىلەن ئۇ دەرﻫال:
-كېرەك ئەمەس، ئەزىزىم!ﻫەممە نەرسەم بار،-دەپ جاۋاپ قايتۇراتتى. مەن ئۆزۈمنى ئۇنتىغاندەك دەرجىدە بەختىيار ﻫىس قىلاتتىم. مانا ﻫەقىقىي ئۆمۈر يولدىشى دېگەن. پۇلنىڭ قەدىرىگە يېتىدۇ، لەۋ، كىرپىك بوياقلىرى دېگەندەك نەرسىلەردىن مۇستەسنا.....ئوسما، سۈرمە، ئۇپا-ئەڭلىكلەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.
_گىرىم بويۇملىرىغا بىﻬۇدە پۇل سەرىپ قىلىشنىڭ نېمە كېرىكى؟- دەيتتى بۇ ﻫەقتە سورىسام.
كوچىلاردا سۆيۈملۈك سەبىﻬەم ﻫەققىدە ئويلاپ ماڭاتتىم ۋە ئۇنى بىرەر نەرسە بىلەن خۇرسەن قىلىشىم لازىم، دەپ قارايتتىم. ماركىسىدا جان ئالغۇچى بىر جاناننىڭ سۈرىتى بار پايپاق سېتىۋالدىم. ئەرزىمىگەن پۇلغا كېلىدىكەن.....
-ۋاي....ۋاي، نېمە قىلاتتىڭىز ، ئاۋارە بولۇپ؟
ئۇ ئەنە شۇ سۆزلەرنى قىلدى ۋە باشقا گەپ قىلمىدى. بىر ئاي كۈتتۈم، نىمىشقىدۇر ئۇ پايپاقنى كىيمىدى. خاپا بولۇپ كىيمىگەننىڭ سەۋەبىنى سورىدىم.
_ناﻫايىتى چىرايلىق ئىكەن، رەﻫمەت. ئەمما ئايىغىم ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىكەن، ﻫېچقىسى يوق كومىسىنى كىيۋېرمەن.
ئامرىقىمنى دۇككانغا ئېلىپ بېرىپ ئەڭ قىممەت ئاياغ تاللىدىم. توغرا، باﻫاسىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئارقىغا تارتىشىپ كەتتى. لېكىن خوتۇنۇم بۇنىڭغا ئەرزىيدۇ.....ئەمما يېڭى پايپاق بىلەن ئايىغىنى بىر ئاي ئىچىدە پەقەتلا بىر قېتىم چايغا بارغاندا كىيدى، خالاس. سەۋەبىنى سورىدىم.
_بىلەمسەن، ئەزىزىم، ئايىغىم شۇنداق چىرايلىقكى، كۆڭلىكىم ئۇنىڭغا قىلچە..............
ئاشۇ كۈنىلا يېڭى كۆينەك سېتىۋالدۇق. بىر ﻫەپتىدىن كېيىن يېڭى شىلەپە، يەنە بىر ﻫەپتىدىن كېيىن يېڭى پەلتۇ. باﻫاسىنىغۇ ئېيتىپ ئولتۇرمايمەن. ئاڭلاپ ﻫوشۇمدىن كەتمىگىنىمنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش.
ئەتىسى قارىسام خوتۇنۇم تاش ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇپتۇ:
_ئەزىزىم، مەن ساڭا باشقىلارنىڭ خوتۇنىدەك پالانى نەرسىنى ئېلىپ بەر، دېگەن ئەمەسمەن. شۇنداقمۇ؟
_شۇنداق-دېدىم گەپنىڭ نېمىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەي.
_ﻫەممىسىنى ئۆزۈڭ خالاپ ئېلىپ بەردىڭ، توغرىمۇ؟ ئەمدى ئۆزۈڭ ئويلا.....
يەنە نېمە گەپكى دەپ، پۇت-قولۇم تىترەشكە باشلىدى.خەيرىيەت، گەپ كىيىملەرگە ماس ﻫالدا چاچ ياستىش ئۈچۈن ساتىراشخانغا بىرىش توغرىسدا ئىكەن.
كېيىكى ﻫەپتىدە گەپ ئەزىز رەپىقەمنىڭ سۈپىتىگە ماس يېڭى ئۆي ﻫەققىدە بولدى:
-قەدىرلىكىم، بىلسەنكى، سىنىڭ بىر سوم پۇلۇڭنى بىﻬۇدە سەرىپلىگەندىن كۆرە ئۆلگۈنۈم ياخشى!ئەمما ئۆزۈڭ ئويلاپ باق. شۇنچە پۇل سەرىپلەپ ئېلىپ بەرگەن نەرسىلىرىڭنى كىيىپ، مۇشۇ ئۆيدىن چىقىپ يۈرسەم ﻫەر-ئىككىمىز كۈلكىگە قالمايمىزمۇ؟
بۇنىڭغا رازى بولدۇم.كېيىن قەرىزگە يىپيېڭى چەتئەل ماشىنىسدىن بىرنى سېتىۋىلىشقىمۇ كۆندۈم. ساڭا غەمخور، سېنى سۆيگەن، سېنى ئاۋايلايدىغان، ئارتۇقچە تەلەپلەر بىلەن بېشىڭنى ئاغىرتىشنى خالىمايدىغان ئادىمىڭ ئۈچۈن ﻫەر ئىشنى قىلساڭ ئەرزىيدىغۇ......................
ئايلار ئۆتتى. سۆيۈملۈك سەبىﻬەم بىر كۈنى ماڭا باشتىن-ئاياغ نازاكەت ۋە دىققەت بىلەن شۇنداق نەزەر سالدىكى، يۈرىكىم ئارقىغا تارتىشىپ كەتتى.
_قەدىرلىكىم، ماڭا ناﻫايىتى كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدىڭ. زورلاپ يۈرۈپ نازىنىن خانىمغا ئايلاندۇردۇڭ، ماشىنا ﻫەيدەشنى ئۈگۈنۈشكە مەجبۇر قىلدىڭ. ﻫەر قېتىم سەندىن بىر نەرسىنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغىنىمدا يۈرۈكىمنى چاڭگاللاپ تۇرىمەن. ئاخىر، مېنى بىلسەنغۇ...........
_بۇ گەپلەرنىڭ ﻫاجىتى يوق، مەن سېنى بىلىمەن،-دېدىم ﻫاياجان بىلەن.
_ئەمدى سەندىن ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىلتىماسىم...._دېدى سەبىﻬەم.
_قانداق ئىلتىماس، ئېيىت سۆيۈملۈكۈم؟
_مېنىڭچە ، بىز ئاجىرىشىپ كەتكىنىمىز ياخشى! چۈنكى، سەن ناﻫايىتى قېرى، كۆرۈمسىز ئادەمسەن، ئەقلىڭنىڭ زەئىپلىكىنىغۇ ئېيىتمىساممۇ بولدى، يىغىپ ئىيىتقاندا، ماڭا ماس كەلمەيسەن!
سوت ئۆي بىلەن ماشىنىنى ئۇنىڭغا قالدۇردى.ئۇلارنىڭ ﻫەممىسى بىر جۈپ پايپاقتىن باشلانغان ئەمەسمۇ. شۇڭا ساڭىمۇ يەنە بىر قىتىم تەكرارلايمەن، خوتۇنۇڭغا زىنﻬار پايپاق سوغا قىلما......