پىچىر-پىچىر
- يوللانغان ۋاقتى :
 - 11-21
 - كۆرۈلۈشى:
 - 668 قىتىم
 
غالىب مۇﻫەممەد قارلۇق
ياخشىلارغا بۇ ئالەمدە
ئالقىشلاردىن پىچىر-پىچىر.
يامانلارغا ﻫەر قەدەمدە
قارغىشلاردىن پىچىر-پىچىر.
سۆيگۈ ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە
پەرﻫادلاردىن پىچىر-پىچىر.
يۈرەك-قەلبى ئۆلگەنلەرگە
پەريادلاردىن پىچىر-پىچىر.
يۇرت ئۈچۈن تەر تۆككەنلەرگە
ئەلدىن رەﻫمەت پىچىر-پىچىر.
بەختى پارلاپ كۈلگەنلەرگە
دەۋردىن ﻫىممەت پىچىر-پىچىر.

