بەختنىڭ بەلگىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 872 قىتىم

بەخىتنىڭ مۇئەييەن بەلگىسى بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنىڭ بار يوقلىقى-ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىش قىلماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەخىتلىك كىشىلەر مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
بەخىتنىڭ بىرىنچى بەلگىسى ـــ خاتىرجەملىك. خاتىرجەملىك قارىماققا ناﻫايىتى ئاددىي روﻫىي ﻫالەت بولسىمۇ، بىراق يالغاندىن خاتىرجەم قىياپەتكە كىرىۋېلىش تەس. يىغىلىشلاردا بەزى كىشىلەرنىڭ توختىماي سائەتكە قارىغىنىنى ياكى توختىماي يانفون بىلەن ﻫەپىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، ئۇلارنىڭ روﻫىي-ﻫالىتىدىن «يىغىلىش تېزراق ئاياغلاشسىكەن» دېگەننى ئويلاۋاتقىنىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇلار بەخىتكە خېلى ئارلىقى بار كىشىلەردۇر. بەزى كىشىلەر مەيلى قانداق سورۇندا بولسۇن، ئۆزىنى شۇ قەدەر تەمكىن، ئەركىن تۇتالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر بەختكە يېقىنلاشقان كىشىلەردۇر.
بەخىتنىڭ ئىككىنچى بەلگىسى ـــ دوستانىلىق. بەخىتلىك كىشىلەر ناتۇنۇش كىشىلەرگىمۇ دوستانە مۇئامىلە قىلالايدۇ، شۇنىڭدەك بەزى كىشىلەرنىڭ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بولغۇچە، نېرۋىسى قىرىق گەز ئۆرلەيدىغان مىجەزىنى چۈشەنمەيدۇ. جەمئىيەتتە غەلىتە مىجەزلىك كىشىلەر ﻫەقىقەتەن تولا، ﻫەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك باشقىلار تەرىپىدىن ئالدانغانلىق ياكى ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىق كەچۈرمىشى بار. بىراق بۇلار باشقىلارغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراشقا سەۋەب بولالمايدۇ. بەخىتلىك بولاي دىسىڭىز، ئەڭ بولمىغاندىمۇ دوستانە بولۇشىڭىز كېرەك.
بەخىتنىڭ ئۈچىنچى بەلگىسى ـــ يول قويۇش. كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ يول قويماي تالىشىدىغان، چوڭلار ياكى بالىلارغا قارىماستىن ئىشىكنى جالاقلىتىپ چىقىپ كېتىدىغان، يامغۇرلۇق كۈندە تاكسى تالىشىدىغان ياكى دوختۇرخانىدا باشقىلارغا يول قويماستىن لېفىتقا بىرىنچى بولۇپ قىسىلىپ چىقىۋالىدىغان ... كىشىلەرنىڭ بەخىتلىك بولالايدىغىنى ساناقلىق.
بەخىتنىڭ تۆتىنچى بەلگىسى ـــ مەنىۋىيىتى باي بولۇش. بۇ خىل بايلىق كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. يەنى كىتاب ئوقۇش، ﻫۆسىنخەت يېزىش، تەنﻬەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، مۇزىكا ئاڭلاش، سۈرەت تارتىش دېگەندەك. بۇنداق كىشىلەر تۇرمۇشتىن ﻫوزۇرلىنىشنى بىلىدۇ. بۇلارنىڭ ﻫەممىسى بەخىت.
بەخىتنىڭ قېلىپلاشقان ئۆلچىمى يوق، ئۇ ﻫەربىر كىشىنىڭ شەخسىي ﻫېس تۇيغۇسى، خالاس. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەلگىلەر ﻫەر ﻫالدا پۇت تېرەپ تۇرالايدۇ، دەپ قارايمەن. ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ.