guide
تولغانئاي
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
786 قىتىم
 
 
ئابدۇلئەﻫەد ئىسمائىل ئوغلان
 
ئون بەش كۈنلۈك تولغانئاي،
جامالىڭدىن ئايلىناي،
يانىمغا بىر چۈشسەڭچۇ
كۆكتە يالغۇز ئوينىماي.
ﻫەي تولغانئاي، تولغانئاي،
يۈرىكىمگە قونغانئاي.
 
ئاسمان ئارا ئۈزىسەن،
كەڭ جاﻫاننى كېزىسەن،
مېنى مەپتۇن ئەيلىگەن
ﻫۆر پەرىنىڭ ئۆزى سەن.
راست گېپىڭنى ئېيتساڭچۇ
كىمنىڭ ئەركە قىزىسەن؟
 
تۈڭلۈكىمدىن مارايسەن،
كۈلۈپقىنا قارايسەن،
غايىبانە پىچىرلاپ
مەندىن سۆيگۈ سورايسەن.
ۋۇجۇدۇمنى بىر تاتلىق
ﻫېسسىياتقا ئورايسەن.
 
سەن پەلەكتە بىر دانە،
مەن بۇ يەردە يىگانە،
ئاشىق-مەشۇق بولامدۇ
ئىككىمىزدەك بىگانە.
تەنﻬالىق يامان ئىكەن،
قىلما مېنى سەرسانە.