يوق مېنىڭ سېنىڭدىن ئۆزگە ﻫېچنەرسەم
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 1302 قىتىم
ئابدۇقەييۇم تۇرادىن مەجنۇن
ئېﻬتىمال سېنى دەپ تۇغۇلغاندىمەن،
ۋە ياكى سېنى دەپ كەلدىم مەن ئەركەم.
تاپقىنىم-تەرگىنىم روزىغارىمدا
يوق مېنىڭ سېنىڭدىن ئۆزگە ﻫېچنەرسەم.
پۇتۇمغا پۇت بولدۇڭ، قوللىرىمغا قول،
باياۋان-چۆللەردىن تەرمەچلەر تەرسەم.
كۆزۈمگە نۇر بولدۇڭ، ماڭغىنىمدا يول،
يوق مېنىڭ سېنىڭدىن ئۆزگە ﻫېچنەرسەم.
ئەڭ سادىق پاسىبان، مەدەتكارىمسەن،
بەيگىلىك پەيتلەردە كۆكرەكلەر كەرسەم.
ﻫاياتىم، بارىمغا نىجاتكارىمسەن،
يوق مېنىڭ سېنىڭدىن ئۆزگە ﻫېچنەرسەم.
پانىيدىن باقىيغا ئېپكىتەرىم يوق،
ئارمانسىز كېتەرمەن سەن بىلەن كەتسەم.
تەڭ قېرىش، تەڭ ئۆلۈش مەن ئىزدىگەن زوق،
يوق مېنىڭ سېنىڭدىن ئۆزگە ﻫېچنەرسەم.