guide
بارالمىدىم يېنىڭغا
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
1077 قىتىم
 
 
ئەنۋەر ﻫىدايەت
 
بالام دېسەڭ، مەنمۇ بالام دەپ،
يانفوندىلا ئاددىي سالام دەپ،
تۈگىمىدى تېخى چالام دەپ،
بارالمىدىم يېنىڭغا ئانا.
 
شەنبە كەلسە تويدىن يانالماي،
خۇش كەتتىگە ياق دەپ بولالماي،
يەكشەنبىدە ئۆيدىن چىقالماي،
بارالمىدىم يېنىڭغا ئانا.
 
ئەتىگەندە ئىشقا باردىم دەپ،
سۇ تۇتقاندا توڭنى ياردىم دەپ،
كەچ كىرگەندە بەكمۇ ﻫاردىم دەپ،
بارالمىدىم يېنىڭغا ئانا.
 
كېچە-كۈندۈز غېمىمنى يېسەڭ،
قايسى كۈنى كېلىسەن؟ دېسەڭ،
ئەتە باراي دەپ قويۇپ، ئەتتەڭ!
بارالمىدىم يېنىڭغا ئانا.