ياخشى يول
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 875 قىتىم
مۇﻫەممەدتۇرسۇن سۇلايمان دېﻬقانى
ياخشى يولدا ياخشىلىقلار ئۇچرايدۇ،
ياخشىلىقلار ياخشىلىققا باشلايدۇ،
ياخشى يولدا يامان يولغا ئورۇن يوق،
يامانلارنى بىرلا چۆرۈپ تاشلايدۇ.
ياخشى يولدى ياخشى دوستلار يايرايدۇ،
كاككۇك بولۇپ، بۇلبۇل بولۇپ سايرايدۇ.
ياخشى يولنىڭ جاپاسىنى يوق دېمە،
ياخشى يولدىن ياخشىلارلا قايتمايدۇ.
ياخشى يولدا ياخشىلىقلار ياشنايدۇ،
ياخشى يولدا پاك ۋىجدانلار چاقنايدۇ.
ياخشى يولدا ماڭغانلارنى دانا دە،
يامانلارغا دەۋران بۈگۈن باقمايدۇ.