guide
سۈبﻬى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
643 قىتىم
 
مۇﻫەممەدرېﻬىم تۇرسۇن سۈبﻬى
 
بۇلۇتلارنىڭ زەنجىرى،
يىمىرىلدى، ئۈزۈلدى.
كۆل سۈيىدەك كەڭ بوشلۇق
تۇمانلاردىن سۈزۈلدى.
 
پارقىرىدى تاشلىقلار،
يۈزلىرىنى نۇر سۆيۈپ.
تەۋرەنمەكتە ئورمانزار
نۇرغا شۇ دەم تەلپۈنۈپ.
 
قاسرىقىدەك بېلىقنىڭ
ئاقۇش قىيا يۈزلىرى.
كۆكۈش رەڭدار چاقنىدى
مايسىزارنىڭ تۈزلىرى.
 
شەبنەم يۇيغان جىلغىلار
قارا يېشىل كۆرۈنەر.
قۇچاقلاشقان تۇمانلار
تاغ تەرەپكە تۈزۈلەر.
 
سۈزۈك ئاسمان دېڭىزدەك
لەۋ سوزغان كەڭ ئۇپۇققا.
ئۇپۇق نۇرى پۈركىدى
ئۇنى قىزىل يوپۇققا.