guide
كەلدىم
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
614 قىتىم
 
ئابدۇرېﻬىم مۇﻫەممەد سەﻫرايى
 
سەﻫرا قىزى، سەﻫرالىرىڭدا
بارمۇ سەن؟ دەپ سېغىنىپ كەلدىم.
سەنمۇ مەندەك ئامراقلىرىڭغا
زارمۇ سەن؟ دەپ سېغىنىپ كەلدىم.
 
بۇغدايلىرىڭ پىشىپ قالغاندۇ،
سەن خالىساڭ ئورغىلى كەلدىم.
سامانلارغا كۆمۈلۈپ يانتۇ،
خامىنىڭدا قونغىلى كەلدىم.
 
چاڭ كەلتۈرۈپ سۈبﻬىلىرىڭنى،
تورغايدەك ئۈن بەرگىلى كەلدىم.
ئېتىزلاردىن تال-تال ﻫىدىڭنى
باشاقلاردەك تەرگىلى كەلدىم.
 
يارىشىقى يازنىڭ، ئورامنىڭ
«لاي،لاي» قېنى؟...سۈيلەشكە كەلدىم.
شۇ ناخشىلار كۆمۈلگەن تامنىڭ
چاڭلىرىنى پۈۋلەشكە كەلدىم.
 
سالقىن ئەيلەپ دىمىقلىرىڭنى
يامغۇر بولۇپ ياغاي دەپ كەلدىم.
كۆيۈۋاتقان تىنىقلىرىڭنى
بۇلاقلارغا چىلاي دەپ كەلدىم.