guide
مىڭ يىللىق كۈسەن، يۈز يىللىق كۇچا
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
619 قىتىم
 
ئەﻫەت داۋۇت
 
كۈسەن دېگەن نامى تارالغان
ئوغلانلىرى ئىشچان يارالغان،
شان-شۆﻫرىتى ئالەمنى ئالغان،
ئانا يۇرتۇم، ئەي گۈزەل كۇچا.
 
سۇجۇپ، كومرا، ئاقارى ماندا
كۈي ياڭراتقان «ئاستانە تاڭ» دا،
ئىلىم-ﻫېكمەت داستانلىرى بار،
ئانا يۇرتۇم، ئەي گۈزەل كۇچا.
 
نېفىت، گازىڭ، كانلىرىڭ گۆﻫەر،
تاغۇ دەريا، باغلىرىڭ گۈزەل،
بارچە خىسلەت سەندە بار تۈگەل،
ئانا يۇرتۇم، ئەي گۈزەل كۇچا.
 
مىڭ يىللىق كۈسەن، يۈز يىللىق كۇچا،
كۈيلىرىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلمەس دەريا.