ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 743 قىتىم
گۈلنىسا ئابلىز
ﻫايات مۈرەككەپلىكى تۈپەيلى تۇرمۇشتىكى ﻫەر خىل ئۇششاق – چۈشەك زىددىيەت ئەر بىلەن ئايال نىكاﻫلىنىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئىلگىرى بايقالمىغان كۆز قاراش ۋە خاراكتېرلار بايقىلىشقا باشلايدۇ. بۇ مەسىلە توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، زىددىيەت بارا – بارا كەسكىنلىشىپ، بىر – بىرىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش، ﻫالىغا يەتمەسلىك، كەمسىتىش، بويۇنتاۋلىق، مەنمەنچىلىك تۈپەيلىدىن ئورتاق پىكىرگە كېلەلمەي، ياتلىشىپ كېتىشلەر ئەدەپ، ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇﻫەببەت، مۇقەددەس ئائىلە بىرلىكى بۇزۇلۇپ، نىكاﻫتىن ئاجرىشىش پاجىئەسى يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئورۇنسىز كۈندەشلىك قىلىشمۇ ئەر – خوتۇن مۇﻫەببىتى ۋە مۇقەددەس ئائىلىنى نابۇت قىلىدۇ.
بەزى ئەر – خوتۇنلار ﻫەقىقەتەن ئۆزى قوبۇل قىلالمايدىغان زىددىيەت ۋە بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي نىكاﻫتىن ئاجراشسا، بەزىلەر تۈگمىدەك زىددىيەت – مەسىلىنى تۆگىدەك قىلىپ، يەڭگىلتەكلىك بىلەن نىكاﻫتىن ئاجرىشىپ، پەرزەنتلەرنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ماتېرىياللاردا ئېنىقلىنىشىچە، جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلەر ئىكەن. بۇ ﻫەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. بۇنداق ئاقىۋەت ئاتا – ئانىغىلا ئەمەس، جەمئىيەتكىمۇ باش ئاغرىقى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، ئەر – خوتۇن، بولۇپمۇ ياش ئاتا – ئانىلار ئىمكان بار تۇرمۇشتا سەۋرچان، ئەپۇچان، ئېغىر – بېسىق بولۇپ، مۇﻫەببەت، ئائىلە مۇقەددەسلىكىنى قوغداپ، پەرزەنتلىرىنى ئويلىشى كېرەك.
«ﻫەر كىم ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆزى بېقىش» دېگەن بۇ سۆز ﻫەرگىزمۇ مۇنداقلا دەپ قويۇلغان سۆز ئەمەس. ئادەتتە ﻫايات، تۇرمۇش زىددىيەتلەرگە تولغان بولىدۇ ۋە شۇ زىددىيەتلەرنىڭ ئاقىلانە ﻫەل قىلىنىشى بىلەن راۋاج تاپىدۇ. زىددىيەت – توقۇنۇشسىز تۇرمۇشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئابباسىيلارنىڭ 10 – ئەۋلاد خەلىپىسى مۇتەۋەككىل ئىبنى جەففا(847 – 861) سەلتەنەت سۈرگەن زاماندا بىرسى ئۇنىڭدىن «ﻫۆرمەتلىك خەلىپەئى ئالەم، يەر يۈزىدە سىزدىنمۇ بەختلىك كىشى تېپىلماس» دېگەندە، خەلىپە «خاتا سۆزلىدىڭ، گۈزەل ئائىلىسى، ئىزگۈ خوتۇن–بالىسى، ياخشى مەئىشەتى بولغان ﻫەر قانداق ئادەم بىزگە قارىغاندا بەختلىكتۇر» دېگەن ئىكەن. دەرۋەقە، بەزى كىشىلەر ئائىلە ئۇقۇمىنى نەزەرىگە ئىلمايدۇ. ئائىلە دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا كىچىككىنە قورۇ–جاي ۋە ئۇنىڭدىكى كىشىلەر كۆز ئالدىغا كېلىدۇ. ئائىلە مەسىلىسى شەخسى ئىشتەك بىلىنىدۇ. بۇ قاراش تولىمۇ يۈزەكى بولۇپ، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇﻫەممەدئىمىن«ئائىلە»دېگەن كىتابىدا «ئائىلە مىللەتنى تەۋەللۇت قىلىدىغان بۇلاق، ئائىلە جەمئىيەتنى كەلگۈسىگە ئېلىپ ئۇچىدىغان بۈركۈت قانىتى. ئائىلىسىز مىللەت، جەمئىيەت مەۋجۇت ئەمەس» دەپ قەيت قىلغان بولسا، تاتار ئالىمى رىزائۇددىن ئىبنى پەخرىددىن «نادانلىقنىڭ نېگىزى بىلەن كامالەتنىڭ قانىتى ئائىلىدە»، «مىللەتنى كۆتۈرۈپ تۇرغان نەرسە ئەسكەر ۋە باشقىلار بولماستىن، ئائىلىدىن ئىبارەت» دېگەن. شۇڭا، ئەر – خوتۇنلار ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئوبدان تونۇپ، پەرزەنتلەرنى، ئائىلىنى قەدىرلىشى، ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى تولىمۇ مۇﻫىم.