چېگرا جەڭچىسىگە
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 736 قىتىم
يالقۇن ئۆمەر
تىك چوققىدا تۇرىسەن پوستتا،
تىكىپ كۆزنى يىراققا مەغرۇر.
قۇتلۇق زېمىن سۆيگۈسى ﻫەردەم،
بېغىشلايدۇ قەلبىڭگە ﻫۇزۇر.
زېمىننى قوغدايسەن ئەلنىڭ،
بىلىپ گويا كۆزۈڭدە قاراق.
سېنىڭ بىلەن ياشار ئاسايىش،
دىيارىمدا خەلقىم ﻫەممە ۋاق.
ئۆز بۇرچۇڭنى ئەيلەيسەن ئادا،
قەﻫرىتان قىش، جۇدۇن دېمەستىن.
خاتىرجەم، تىنچ ئۆتمەيدۇ كۈنۈڭ،
ئەل-ئاۋام دەپ غەملەر يېمەستىن.
شۇڭلاشقا ئەي چېگرا جەڭچىسى،
ساڭا مېﻬرىم تاشار يۈرەكتە.
ئەلنى مەڭگۈ ئامان قىلىشتەك،
ياشا شۇنداق ئوتلۇق تىلەكتە.