guide
ئارمىيە ﻫەققىدە قوشاقلار
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
695 قىتىم
 
ئەسقەر ئەركىن
 
ﻫويلىمىزغا تېرىدۇق،
شوخلا، كاۋا، تەرخەمەك.
پولات قورغان — ئارمىيەم،
بايرىمىڭغا مۇبارەك.
 
ئاسماندىكى بۇلۇتلار،
ئوخشار ئاپئاق مەخمەلگە.
ۋەتەن ئۈچۈن ئارمىيەم،
پىسەنت قىلماس خەتەرگە.
 
بەخت كۈلەر ﻫەر قاچان،
ﻫالال ئەجىر، قان-تەردە.
نەدە بولسا مۇشەققەت،
ئارمىيەمىز شۇ يەردە.
 
مەشرەپ ئويناپ سەﻫرادا،
ئالدۇق چوڭقۇر تەربىيە.
ئارمىيەمىز شەنىگە،
تۈگىمەيدۇ مەدﻫىيە.
 
بۇ يىل ئەجەپ ئوخشىدى،
ئالما، ئانار، شاپتۇللار.
دىلىمىزدىن ئېيتىمىز،
ئارمىيەگە ﻫەشقاللا.
 
يولنىڭ ئىككى چېتىگە
قاتار-قاتار سالدۇق ئۆي.
ئارمىيەنىڭ شەنىگە،
ياڭرىتىمىز ناخشا-كۈي.