جەڭچىگە
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 711 قىتىم
مۇﻫەممەدجان مىرسال
بوي-بەستىڭگە ياراشقان فورماڭ،
تۇيۇلىدۇ بەكمۇ يېقىملىق.
سۆيۈنىمەن چەبدەسلىكىڭدىن،
قەدەملىرىڭ شۇنچە رىتىملىق.
جۇت-شىۋىرغان ياكى تومۇزدا،
ۋايسىمايسەن ئەزەلدىن ﻫەرگىز.
ﻫەۋەس بىلەن قاراپ قالىمەن،
پەخىرلىنىپ سېنىڭدىن چەكسىز.
چىنار كەبى مەغرۇر قامىتىڭ،
قەلبلەردە قوزغايدۇ ﻫۆرمەت.
مۈشكۈلاتقا تىز پۈكمەس روﻫىڭ،
بەخش ئېتەر بىزگە زور مەدەت.
سەن بولغاچقا پېتىنالمايدۇ،
رەزىل ياۋمۇ ئەلگە تېگىشكە.
جەڭچى دوستۇم ئاپىرىن ساڭا،
تەييار تۇردۇڭ ياۋنى يېڭىشكە.
سەن بولغاچقا غەمگە پاتمايدۇ،
ﻫەر چاغ، ﻫەر پەيت بۈيۈك تاغ خەلقىڭ.
ئاپەت كەلسە يېڭىسەن بوپ ئوق،
شۇڭا تىلدا مەڭگۈلۈك شانىڭ.
ئۈلگىمىز سەن چىدام-غەيرەتتە،
يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە.
تۆﻫپە بابى سەنچۈن ئېچىلغان،
زەپەر قۇچقىن تەرەپ-تەرەپتە.