guide
جەڭچى ناخشىسى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
754 قىتىم
 
مۇﻫەممەت روزى
 
«بەختىيار مەن، ئەل ئۈچۈن قىلسام پىدا جان تېنىم»
تاغ كېلەر ئالدىمغا، تاغ بەستىگە باقسام ﻫەر قېتىم،
تىنچ-ئەمىن كۈلمەكتە ياشناپ ئانا تۇپراق جەننىتىم،
مەن خەلقنىڭ ئوغلانى ئەلنى سۆيۈش پەزىلىتىم،
خەلق ئۈچۈن تۆككەچكە تەر ئاشماقتا مېنىڭ ئىززىتىم.
 
قوش مېدال كۆكسۈمدىدۇر، چاقنار يەنە ئالسام شەرەپ،
ماختىنار خەلقىم بالام دەپ شادلىنىپ، قۇچسام شەرەپ،
قەﻫرىمان ئەجدادلىرىمدەك قەﻫرىمان بولسام شەرەپ،
باتۇر يۈرەكلىك جەڭچىمەن ئەلنى دەپ ئۆلسەم شەرەپ،
خەلق ئۈچۈن تۆﻫپە قوشۇپ ئۆتكەي مېنىڭ ﻫەر سائىتىم.