guide
ياخشىلارغا
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
652 قىتىم
 
ئىززەتگۈل ساتتار (تولۇنئاي)
 
چەكسىز ئاسماندۇر قەلبىڭىز گويا،
مېﻬىر بەردىڭىز يۇلتۇز ۋە ئايغا.
ﻫەممە-ﻫەممىگە قىلىپ تەبەسسۇم،
سۆيگۈ بەردىڭىز گۈل-چىمەن ئارا.
 
قۇياشتەك ئىللىق قۇچاق ئاچتىڭىز،
ناتىۋان كۈلدى، تاغلار ياڭرىدى.
پەرىشتە سۈپەت چېﻬرىڭىزدىن ﻫەم،
باغۇ-بوستاندا قۇشلار سايرىدى.
 
مىسكىن دىللارغا سىڭدىڭىز نۇردەك،
يۈرەك ياشنىدى كۆكلەپ باﻫاردەك.
قولياغلىق كەبى سۈرتتىڭىز ياشنى،
جانغا ﻫەمنەپەس ئىللىق شامالدەك.
 
ئاپئاق بۇلۇتتەك قىلغان ئىشىڭىز،
چىن نىيەت ﻫامان جەننەت بىلسىڭىز.
كەتتى خەلقتىن ئوتلۇق سالاملار،
گۈل بولسۇن ﻫەر بىر ماڭغان يولىڭىز.