قۇت ئايەم
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 785 قىتىم
ئىززەتگۈل ساتتار (تولۇنئاي)
يۈرەكلەردە كۈلكە، شادلىق جۇش ئۇرۇپ،
يەنە كەلدى، بۇ مۇبارەك قۇت بايرام.
قېرىنداشنىڭ تەشنالىقى قانغايمۇ،
سىرداش بولۇپ دىدارلاشسا ئەل-ئاۋام.
باغلاردىكى قىزىل، سېرىق گۈللەردەك،
تۆرىدىكى ئاتا-ئانا قۇچىقى.
پۇراقلار خۇش، قازانلار ﻫەم قاينايدۇ،
كۆيۈپ خەلق مۇﻫەببەتلىك ئوچىقى.
ﻫېيتلىق سوراپ ئەركىلەيدۇ بالىلار،
نامايەندە مۇشۇ تۇرمۇش شادلىقى.
يۈرەك پارەم دەپ سۆيىدۇ، تويمايدۇ،
سۈزۈك ئالەم، ناۋات بەخت تاتلىقى.
قۇشلارغىمۇ مۇبارەك ﻫېيت دوست دەيمىز،
دۈشمەنگىمۇ سالام بېرىپ يارىشىپ.
ئاداۋەتنى ئۇنتۇش ئۇنىڭ خىسلىتى،
سۆيگۈ گۈلى ئۇرۇقىنى تېرىشىپ.
دۇئا قىلىپ كەتكەنلەرنىڭ روﻫىغا،
ياخشى تىلەك، ياخشى سۆزدە ئەسلەيمىز.
قالغانلارغا ئامانلىق بەر ئاللاﻫ دەپ،
ئاي، يۇلتۇزدەك ئۈنسىز دۇئا تىلەيمىز.