guide
يىغلىدى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
757 قىتىم
 
(ئاتاقلىق سەنئەتكار رابىيە مۇﻫەممەد ۋاپاتىغا)
ئەسقەر ياسىن
 
بىر يۇلتۇزۇم ئۆچتى دەپ يەرۇ-ئاسمان يىغلىدى،
كۆزلىرىدىن تۆكۈپ ياش ئەﻫلى-جاﻫان يىغلىدى.
«ئەلۋىدا، ئاﻫ ئەلۋىدا، خۇش ئاۋازىم، بۇلبۇلۇم»،
دېدى تاغلار، دەريالار، كۇچا، تۇرپان يىغلىدى.
 
«رابىيە دەپ بىر قىزىم كەتتى» دېدى تەڭرىتاغ،
خۇددى بوران ئەۋجىدە سۇندى كۈيلەر، سۇلدى باغ.
كىم ماتەمدە يىغلىماس ﻫەسرەتلىنىپ ئۇشبۇ چاغ،
شوخ كۈيىدىن ئايرىلغان كۈيچى دەۋران يىغلىدى.
 
ئېيتقان گۈزەل كۈيلىرى كەتكەن يىراق-يىراققا،
ئۇستاز ئىدى مىسالى ئوخشار ئىدى چىراغقا.
بىر ئۇستازدىن ئايرىلىپ دىل مۇپتىلا پىراققا،
جۇدالىقتىن ئەل-ئاۋام ﻫەتتا پالۋان يىغلىدى.
 
«كۆركەم تەڭرىتاغلىرى» سالدى تۆۋەن بېشىنى،
بوغدا ئاتا «سەن يوق» دەپ تۆكتى يۇم-يۇم يېشىنى.
«ئەزىم دەريا» ﻫەسرەتتە بۇزدى قىرغاق-قېشىنى،
ماتەم ئىچرە ئاق باغلاپ تالاي «كارۋان» يىغلىدى.
 
كۈيچى بۇلبۇل، خۇش ئاۋاز پاسىبانىم ئەلۋىدا،
مۇﻫەببەتتىن نۇر ئالغان غەمگۇزارىم ئەلۋىدا.
گۈزەللىكنىڭ ﻫەقداسى گۈلئۇزارىم ئەلۋىدا،
خەلقىم سەندىن ئايرىلىپ دىلدا ئارمان يىغلىدى.