رابىيە تۆﻫپىڭىز تىللاردا داستان
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 683 قىتىم
ئابلىز رەﻫىم ئەركال
كەلگىنىدە شۇم خەۋەر سىلكىندى ۋۇجۇد،
يۈرەك ئۆرتەندى، كۆزدىن ئاقتى ياش.
ئاﻫ، سىزدىن ئايرىلىش كەلدى كۆپ ئېغىر،
بۇ قايغۇ-ﻫەسرەتكە مۇمكىنمۇ چىداش؟!
بىر ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغاندەكلا،
سىز ۋە مەن بىر سەپتە بولغان قېرىنداش.
سىز بىلەن ئىشلىگەن شۇ ئۇزاق يىلدا،
بىزلەرگە بولغانسىز كۆيۈمچان ئۇستاز.
سىز بىلەن ﻫەر يەردە ئويۇن قويغان چاغ،
قىشتىمۇ بولاتتى خۇددى باﻫار، ياز.
شۇ «كۆركەم تەڭرىتاغ»، «كارۋان ناخشىسى»،
زوق بېرىپ، كۆڭۈلنى قىلغان شۇنچە ساز.
سىز ئەزىز سەنئەتكار غايىڭىز ئۇلۇغ،
سەنئىتىم كۆكىدە شۇڭقار ئىدىڭىز.
بىر كەسىپ دوستلارغا بولۇپ مەدەتكار،
ئىستىقبال يولىنى ئاچار ئىدىڭىز.
ئىنسانىي پەزىلەت سىزدە مۇجەسسەم،
كەمتەر سىز، مۇلايىم باﻫار ئىدىڭىز.
بېغىشلاپ مۇﻫەببەت ئەلگە، ۋەتەنگە،
كۈي تۆككەن بىر ئۆمۈر ۋايسىماي ﻫەرگىز.
ئەل-ۋەتەن سۆيگۈسى ئۇلۇغ مۇقەددەس،
قەلبىڭىز تۆرىدە تاغلاردىن ئېگىز.
سىز پاكىز تىلەكلىك، ئاق نىيەت ئىنسان،
شۇڭلاشقا خەلقىمنىڭ ﻫۆرمىتى چەكسىز.
ئەلۋىدا، رابىيە نامىڭىز ئۆچمەس،
خەلقىمنىڭ قەلبىدە سىز بۈيۈك ئىنسان.
سىزنى ياد ئېتىدۇ خەلقىم تائەبەد،
تۆﻫپىڭىز رابىيە تىللاردا داستان.
كەتتىڭىز ۋە لېكىن ئۆلمەس ناخشىڭىز،
تاغ، دەريا، كۆكلەردە ياڭرار ﻫەر قاچان.