guide
مەجنۇن خىياللار
يوللانغان ۋاقتى :
03-16
كۆرۈلۈشى:
1468 قىتىم
ئابلەت مۇﻫەممەد كۈيزار
1
  گۈلزارلارنىڭ شاﻫى سەن. سەن ﻫۈپپىدە ئېچىلغان قىزىلگۈلگە ئوخشايسەن. بەرگىڭدە مۇﻫەببەت، مۇﻫەببەتنىڭ ﻫەر بىر ئىسسىق تىنىقلىرى مېنى كۆيدۈرۈپ تۇرىدۇ. كۆيۈشلىرىمدە ساڭا چەكسىز ﻫارارەت بار.
باﻫار تەبەسسۇم قىلغان بىپايان ساﻫىلدا ئىككىمىزنىڭ ئەﻫمىيەتلىك ﻫېكايىمىز بار. كۆزۈڭ سۈزۈك تەسۋىرلەرگە تولغان. يۈرىكىڭ لىرىك پىچىرلىغان؛ قەدەملىرىڭدە سەلكىننىڭ مېﻬىرلىك تىلەكلىرى شىۋىرلايدۇ.
نىگاﻫىڭ بوستانىغا زۇمرەت قەترە بولۇپ قۇيۇلغىنىمدا، قاقاس بوز تۇپراق ياپيېشىل ئورمانزارغا ئايلاندى. ياپراقلىرىڭدا مېنىڭ قەلب سۆزلىرىم بار.
2
  قۇشلار قەلبىنى سۆزلىگەن سۆيۈملۈك دەملەر ئېسىڭدىمۇ؟ ئەسلىمىلىرىڭ مېىنىڭ جەريانىم بىلەن تولغان، يۈرىكىڭ مېنىڭ ئىزلىرىم بىلەن بىپايان يوللارغا مۇﻫەببەتلىك باققان؛ ئىنتىزارلىق تامچىغان لەۋلىرىڭدە مېنىڭ ئىسمىم تەكرارلانغان، ئېﻬ! دەپ ئاسمانغا كۆز تاشلىغىنىڭدا، بەخت يۇلتۇزى بولۇپ ئاشىقلىق نۇرلىرىمنى ساڭىلا تاراتقان.
  ئاپئاق سەﻫەرىستان بىزگە ۋىسال قەلئەسى! كەل سېنى ئەبەدىيلىككە باغرىمغا بېسىۋالاي. باغرىمدا نازاكەتلىك تولۇنغا ئايلان، ئايدىڭلىرىڭدا كۆك كۈي مەۋجۇتلۇق زېمىنلىرىغا ئۆزلۈك جۇلاسىنى بەرسۇن!
3
  كۆڭۈل بوستانىڭدا سۆيۈملۈك ئارسلانىڭغا ئايلانغىنىمدىن بۇيان چەكسىز بەختلىكمەن! سەن ماڭا بىغۇبار ۋۇجۇدۇڭدا بار بولغان ﻫەممىنى بەردىڭ. مەۋجۇتلۇق ئالىمىمدە بارلىقىم بولۇپ ﻫاياتىمدەك پارلىدىڭ. پارلاشلىرىڭدا سەۋدالىقىم تارىم دولقۇنىدەك ئۇلغايدى.
  ساڭا بىقارار مەجنۇنلۇقۇمدىن گۈزەل نەقىشلەرنى چېكىپ بەخت قولۋىقى ياسىدىم. بۇ قولۋاققا ئىككىمىزلا سىغىمىز.
4
 بارلىق خىياللىرىمنىڭ سەندىن باشلىنىپ داۋاملىشىۋاتقىنىدىن خۇرسەنمەن.
  سېنىڭ باغلىرىڭ مەن ئۈچۈن خۇشپۇراق رەيﻬانزار؛ سېنىڭ سۆيگۈڭ مەن ئۈچۈن تەختىگاﻫ، سېنىڭ خىياللىرىڭ مەن ئۈچۈن پەرۋاز بوشلۇقى! سېنىڭ تىنىقلىرىڭ مەن ئۈچۈن ئەقىدە بۇلىقى!
  ماڭا كېچىش ﻫەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆزلىمە. كېچىشنىڭ ئورنىغا ۋاپاغا ئالماشقان سۆزلىرىڭ سۈزۈك سەﻫەرنىڭ ئاتەش تىلەكلىرىگە ئايلىنىپ سۆيگۈ ئېقىنى ۋۇجۇدۇڭنى چۇلغاپ تۇرسۇن! سەن ماڭا ئايلان، مەن ساڭىلا بېغىشلىنىپ جاسارەتكە تولاي. سېنىڭ ئوتتەك باغرىڭغا باش قويغىنىمدا يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىدا سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭ تەۋرىمىدىمۇ؟ ﻫارارەتتىن لاۋۇلدىمىدىمۇ؟ ئۆزۈڭنى گۈلخاندا كۆيۈۋاتقاندەك سەزمىدىڭمۇ؟
  يۈرىكىمىز سۆيگۈدە ياشىرىدۇ، مەلىكەم!