guide
نازاكەت ساڭا تالىق
يوللانغان ۋاقتى :
03-16
كۆرۈلۈشى:
1483 قىتىم
رەشىدە سېيىت
  سەن خۇددى چولپانغا ئوخشاش تاڭ سەﻫەردە چاقناپ تۇرۇشنى كىچىكىڭدىنلا ئادەت قىلغانىدىڭ. ئاشۇ تار كوچاڭ، ئاشۇ بىر – بىرىگە تۇتاش قورۇ بىلەن ئاۋاتلاشقان مەﻫەللەڭ سېنىڭ پەزىلىتىڭ ﻫەم ئەقىدەڭنىڭ گۈل تاجى ئىدى. شۇ كوچىدىن سېنىڭ يىلتىزىڭنى تاپقىلى بولاتتى. شۇ كوچىدىن سېنىڭ تارىخىڭنى كۆرگىلى بولاتتى. سەن سەﻫەردە ئاشۇ كوچىنى سۈپۈرۈۋاتقىلى قانچە ئاي، قانچە يىل بولغاندۇ – ﻫە؟ ئاللاﻫ سەﻫەر قوپقان قىزنىڭ بەختىنى بېرىدىكەن. بۇ سۆزنى سېنىڭ موماڭ ئېيتقان. قىز بالىنىڭ يۈزى تۆۋەن، پەزىلەتلىك بولسا بەخت ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىكەن، بۇنىمۇ موماڭ ئېيتقان. قىز بالا ياخشى ئوقۇسا دىلى يورۇق، يولى ئوچۇق بولىدىكەن، قىلغان ئىشى ئىلگىرى باسىدىكەن، بۇنىمۇ موماڭ ئېيتقان. سېنىڭ موماڭ بەخت ﻫەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدىكەن. سەن ئاسماندا يۇلتۇزلار تېخى لىققىدە تۇرغاندا ﻫويلا – ئاراننى چېنىدەك پاكىزلاپ، پەخىرلىنىپ كۈلگەندىن كېيىن ئەينەككە قارايسەن.
  ئېﻬ، سېنىڭ كۆزلىرىڭ يۇلتۇزغا ئوخشاش مۇلايىم چاقنىغان. ئۇ كۆزلەردىن ﻫايا ۋە ئەدەبنىڭ نۇرى بالقىيدۇ، قىزلىق قەدىر – قىممىتىنىڭ جۇلاسى يېلىنجاپ تۇرىدۇ. ئادەم ئۆز بەختىنى ئۆزى يارىتىدۇ. بۇمۇ موماڭ ئېيتقان سۆز. سەن مېﻬنىتىڭ ۋە قىزلىق سالاپىتىڭ بىلەن نۇسرەت ۋە ئادالەتكە قەدەم باسقان قىز. سەن تېشىلا ئەمەس، ئىچىمۇ گۈزەللىككە تولغان بىر گۆﻫەر، ئاتا – ئاناڭنىڭ بەختى.
  ئەي قىز، نازاكەت ساڭا تالىق! سەن قۇياشتىن بالدۇر ئويغانغان قۇياش، چېچەكتىن بالدۇر بىخلىغان يوپۇرماق، دۇنيادىكى بارلىق گۈزەللىك سېنىڭ قولۇڭدا، دۇنيادىكى بارلىق گۈللەر ساڭا قاراپ ئېچىلىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ بارلىق پاك مەدﻫىيەسى سەن ئۈچۈن يارالغان. سەن پاكلىق ئىزدىگەن سەﻫەر، سەن مېﻬنەت بېغىشلىغان سەﻫەر. ئۈمىد ۋە ئارمان بىلەن تىكىلگەن سەﻫەر ساڭا ﻫەممىنى بەردى. سەن كىتابنى خۇددى سەﻫەرنى سۆيگەندەك سۆيدۈڭ. سەن كىتاب ئىچىدىن خۇددى سەﻫەردە ئويغانغاندەك ئويغاندىڭ. كىتاب ساڭا پەزىلەت ۋە بەختنىڭ پەلسەپەۋىلىك بىرلىكىنى، ﻫايات ۋە ئەمگەكنىڭ گۈزەل لوگىكىلىق بىرلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئالەم پەزىلەت بىلەن پەزىلەت، مېﻬنەت بىلەن مېﻬنەت. جاسارەتنىڭ بىرلىكى. مەﻫكۇملۇقنىڭ ئانىسى غەپلەت ۋە پاسكىنىلىق. بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ﻫېكمىتى.
  سەن بەخت بوسۇغىسىدا تۇرۇپ يەنە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانسەن؟ بەختنىڭ قولغا كەلمىكى تەس، يوقمىقى ئاسان. بۇ ﻫېكمەتنىمۇ ساڭا موماڭ دەپ بەرگەن. شۇ تاپتا قاتتىق ئىزدىنىش ئىچىدە كەلگۈسۈڭنىڭ ئۇلىنى مۇستەﻫكەملەشنى خىيال قىلدىڭ. توغرا مەڭگۈلۈك ئۈچۈن تىرىشىشنى ﻫەممە ئادەم ئويلايدۇ. لېكىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالەمچە غەيرەت كېرەك. سەن قىزلىق ﻫاياتىڭدا ئېرىشكەن بارلىق گۈزەللىكنى مەڭگۈلۈككە ئىگە قىلالايدىغان قىزلاردىن. بۇنىڭغا ئىشەنگىنى سەن سەﻫەر ئورنۇڭدىن تۇرۇپ سۈپۈرگە بىلەن يۈزىنى ئاچقان پاك زېمىن، ئانا تۇپراق.