guide
قارا دۆۋە مۇﻫەببىتى
يوللانغان ۋاقتى :
12-12
كۆرۈلۈشى:
1634 قىتىم
باغرىڭدا بىنا بولغىنىمنى بىلىمەن. تىنىقىم تىنىمسىزلىق ئىچىدە ﻫاۋايىڭنىڭ ﻫەر بىر ﻫىدىنى پۇراپ چوڭ بولغان ئون يەتتە يىللىق ساپ ﻫاياتىم، ئوتتۇز يىللىق ئەبجەش ئۆمرۈم مەﻫەللە – كوچىلىرىڭدا چەكسىز سۆيگۈ مېﻬرىنى تومۇر – تومۇرلۇرۇمغا سىڭدۈرگەن ئەمەسمۇ!
   مۇﻫەببەت ئۇنتۇلماس ئەسلىمە، ئازابمۇ ﻫەم ئۇنتۇلماس ئەسلىمە.
   خۇشاللىقىم بالىلارچە خۇشاللىق، بەزىدە پەيدا بولىدىغان ئازابلىرىممۇ ﻫەم شۇنداق. شۇڭا ئۇلارنىڭ بىر دەمدىلا بىر – بىرىگە ئالمىشىشى ئويۇنچۇقتەكلا بىر ئىش. ئەمما، ئەمما سېنىڭ ئانا يۇرتلۇق ئوبرازىڭ مەيلى قەيەردە بولاي روشەن سېلىشتۇرما. كىچىك ۋاقتىمدا سەن مېنىڭ كىچىك ۋەتىنىم ئىدىڭ. ئېتىز – قىرلارغا تۇتاشقان چىغىر يوللىرىڭنى مەن كۆرگەن چوڭ شەﻫەرلەردىكى ئاسفالت يوللارغا تۇتاشقان دەپ قارايمەن. چەكسىز سايلىقلىرىڭ مەن كۆرگەن دېڭىزلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىدۇ. ئەتراپىمدىكى كىملەردۇر مەن كۆرگەن ئۇلۇغ شەخسلەرگە ئوخشايدۇ. ئايروپىلانلار ئاسمىنىڭدا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلاردەك، پاراخوت – كېمىلەر چۆللىرىڭدە يانتاق – ئوتۇن بېسىلىپ كېتىۋاتقان ﻫارۋىلاردەك، ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر ئۈستىدىن قارىغاندا غۇيۇلداپ مېڭىۋاتقان پىكاپلار يايلاقلىرىڭغا ئالدىراپ كېتىۋاتقان قوي پادىلىرىدەك، ئېرىق – ئۆستەڭلىرىڭ خەرىتىدىكى دەريا – كۆللەردەك كۆرۈنىدۇ. ئۇلار ئازراق يوغىناپ قالغان ياكى ئازراق كىچىكلەپ قالغان، خالاس! دۇنيانىڭ ﻫەر قانداق يېرىدە بار نەرسىلەر سەندە بار. ئادەملەر، قولۇم – قوشنىلار، دوست – دۈشمەنلەر، چېگرا – پاسىللار... ﻫەممىسى. ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇﻫەببەتتىن تارتىپ ئۇلار ياراتقان تۇرمۇش پەلسەپىسى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى قائىدە – يوسۇنلار، زىددىيەت – توقۇنۇشلار، ئۆلۈم، تۇغۇلۇش، كۈلكە – چاقچاق، يىغا، غەزەب، ياشاش يولى دېگەندەك. پەرق پەقەت ئۇلارنىڭ ئىلغار، قالاقلىقى، ئاز – كۆپلىكى، تېز – ئاستىلىقى.
   نېمىلا دېگەن بىلەن، سەن يەنىلا بىر كىچىك ۋەتەن. مېنىڭ ۋەتىنىم، مەن چوڭلىغانسېرى سەنمۇ چوڭىيىپ باردىڭ. تونۇش، قاراشلىرىم ئاددىيلىقتىن چوڭقۇرلۇققا يۈزلەندى، ﻫەر كىمدە بار نەرسە مەندىمۇ بار، دەپ قارىدىم. ئاتا – ئانا، ئەجداد پەقەت بىرلا مۇشۇ زېمىندا. ۋەتىنىم قانچە چوڭ ياكى قۇدرەتلىك بولسۇن، تەرەققىياتقا قانچىلىك يۈزلىنەي، ئاتا – ئەجدادىم ئاۋۇنغان مۇشۇ زېمىندا خۇددى قۇياش نۇرىدەك مەركەزگە تۇتاشقان بىر ئۈزۈلمەس رىشتە بار. ئۇ چوڭ ۋەتىنىم قوينىدىكى كىچىك مەﻫەللەم. مەﻫەللەمنىڭ زېمىن تومۇرى يا تۇپراق ئارقىلىق ياكى سۇ ئارقىلىق ۋەتىنىم ساﻫىلىغا تۇتاش.
   مەندىكى ۋەتەن ئەقىدىسى مانا مۇشۇنداق ئاپىرىدە بولغان ۋە بولماقتا.
   قەلبىمدىكى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش تۇيغۇسى تۇغۇش ۋە تۇغۇلۇشقا تۇتاشقان مۇشۇ روﻫ بىلەن مېنى ﻫەر ۋاقىت بۇ زېمىنغا باغلاپ تۇرىدۇ. مېﻬرىبان ئانامنىڭ قەبرىسى سېنىڭ تۇپرىقىڭدا. ئۇنى ﻫەر قېتىم تاۋاب قىلغىنىمدا يۈكۈنۈپ تۇرۇپ تۇپرىقىڭىڭ توپىسىنى پۇرايمەن. بۇ توپا ﻫەر قانداق زېمىننىڭ تۇپرىقىدىن ئەزىز ۋە سۆيۈملۈك. ئانامنىڭ قەبرىسى يېنىدا مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان بوۋام – مومامنىڭ قەبرىسى بار. ئۇلار ماڭا يەنىلا تارىخنى چۆچەك – رىۋايەتلەر ئەۋجىدە سۆزلەپ تۇرىدۇ. ئاتام مۇشۇ زېمىنغا دەسسەپ تۇرۇپ ياشىماقتا.
   ئېﻬ، قارادۆۋە، مۇقەددەس زېمىن! تاغلىرىڭنىڭ قەددى بىر ﻫېكمەت، باغلىرىڭنىڭ ﻫۆسنى بىر جەننەت، دەپ ناخشا توۋلاۋاتقان چېغىمدا باﻫار يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى ۋۇجۇدۇمغا ئاجايىپ بىر مەمنۇنلۇق بېغىشلايدۇ.
   مەن سېنىڭ بۇ ئەزىز تۇپرىقىڭدىن نەچچە قېتىملاپ يىراقلاپ باقتىم. بىراق بىر سېﻬرىي كۈچ يەنىلا باغرىڭغا ماگنىتتەك تارتىپ تۇرىدۇ.
   مەن ۋاپادار بىر ئوغۇل بولۇشنىلا ئەمەس، نام شۆﻫرىتىڭنى ئاشۇرىدىغان، قوغدايدىغان، ئاسايىشلىقىڭ ئۈچۈن بەدەل بېرەلەيدىغان قەﻫرىمان ئوغۇل بولۇشنى بۇرچۇم دەپ قارايمەن.
   ئەنە، مېنىڭ چىغىر يوللىرىم دۇنيانىڭ ﻫەرقانداق جايىدىكى داغدام يوللارغا تۇتاشقان. مەن بۇ يوللاردا ﻫەر ۋاقىت مېڭىشقا تەييار!