پاتىگذل كەچۈرگىن ، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1076 قىتىم

پاتىگذل كەچۈرگىن ، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . تەقدىر شۇنداقتۇ بەلكىم ، سېنى ماڭا ئۇچراشتۇرۇپ يەنە رەﻫىمسىزلەرچە ئايرىۋەتتى . شۇنداق ، بىز ناﻫايىتى تاساددىپىي تونۇشقان ، بۇ دۇنيادا سېنىڭ بارلىقىڭنى بىلگەن شۇ كۈنى دېگەن گەپلىرىڭ ﻫېلىمۇ ئېسىمدە . بەلكىم بىر كۆرۈپ مېﻬرى چۈشۈش دېگەن شۇ بولسا كېرەك . شۇندىن بۇيان تەقدىرگە ئىشىنىدىغان بولۇپ قالدىم . گەرچە ﻫازىر سېنىڭ كۆڭلۈڭ شۇنچە يىراقتا ئارىمىز شۇنچە يېقىن بولسىمۇ لېكىن تەقدىردىن قىلچە زارلانمايمەن . تەقدىرنىڭ مۇشۇنداق بولىشىنى بۇرۇنلا بىلگەن بولساممۇ يەنىلا سەن بىلەن تونۇشۇشنى تاللىغان بولاتتىم .
تۇنجى قېتىم ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىرغان ۋاقتىڭ ﻫېلىمۇ ئېسىمدە ، ئاۋازىڭ ماڭا دۇنيادىكى ئەڭ يېقىملىق ئاۋاز بولۇپ تۇيۇلغانىدى ، قەلبىم ئاللىقانداقتۇ ﻫاياجانغا تولۇپ ، يۈرەكلىرىم تىپىرلاپ كەتكەنىدى . قىزىق ، مۇنداق ئاۋازلار جىققۇ دۇنيادا ، نىمىشقا سېنىڭ ئاۋازىڭلا ماڭا بۆلەكچە ئاڭلىنىدۇ ؟ نىمىشقا بىر ئېغىز گېپىڭ ، بىرەر قېتىم كۈلۈشۈڭ ماڭا بۆلەكچە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ ؟
ئادەملەر شۇنداقكەنمىز ، تۇيۇقسىز بىرىنى ناﻫايىتى مۇﻫىم بىلىپ كېتىدىكەنمىز ، ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىمۇ شۇنداق يېقىملىق ، ئوماق تۇيۇلىدىكەن . تۇيۇقسىز بىرەيلەنگە بەكلا ياردەم قىلغۇڭ ، خوشال قىلغۇڭ كېلىدىكەن ، كۆڭلى پەقەتلا پەرىشان بولمىسا ، دائىم كۈلۈپ تۇرسىكەن دەيدىكەنسەن . تۇيۇقسىز بىرى ئالدىغا كەلگەندە نىمە دېيىشىڭنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەنسەن . باشقا قىزلار ئالدىدا قانچە سۆزمەن ، يۇمۇرلۇق بول ، مەلۇم بىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز تىللىرىڭ تۇتۇلۇپ قالىدىكەن . ئۇنىڭ ﻫەر بىر ئېغىز سۆزىگە ، ﻫەرىكىتىگە ﻫەتتا يېنىدىكى ئۇششاق نەرسىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىدىن تارتىپ دىققەت قىلىپ قالىدىكەنسەن . بەلكىم مۇﻫەببەت دىگەن شۇ بولسا كېرەك كەچۈرگىن ، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . كىچىكىمدىن ئۆزەمنى يالغۇزلۇققا ئامراق دەپ ماختىناتتىم . بىر چاغلاردا ﻫەتتا كىيىن شائىر بولسام " تەنﻬايى" دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلىتىمەن دەپ يۈرەتتىم ، ﻫەقىقەتەن ﻫازىرغىچە بەزى ئالاﻫىدە ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئىچ سىرىمدىن ، ئويلىغانلىرىمدىن باشقىلارغا دەپ بەرمىگىنىم دەپ بەرگىنىمدىن كۆپ بوپ كەپتۇ ، ئەڭ يېقىن دوستلىرىمغىمۇ ﻫەم شۇنداق . سەن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن تۇيۇقسىز دوستىنى تولا ئىزدەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم ، بىر ئاماللار قىلىپ سېنىڭ دوسىتلىرىڭ بىلەنمۇ تونۇشۇپ كەتتىم . بىرىنى ياقتۇرۇپ قالساڭ ئۇنىڭ ﻫەممە نەرسىسىنى بىلگۈڭ كېلىدىكەن ، ﻫەممە نەرسىسى سۆيۈملۈك تۇيۇلىدىكەن ، دوستلىرى ... ﻫەممىسى خۇددى ئۆزەڭنىڭ دوستلىرىدەك ، يېقىن ئادەملىرىڭدەك تۇيۇلىدىكەن .
بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش خاتا ئەمەس ، بولمىسا ئاللا نىمىشقا بىزگە تونۇشۇشقا نېسىپ قىلىدۇ ، نىمىشقا بىرىمىزنى يەنە بىرىمىزگە شۇنچە ئالاﻫىدە كۆرسىتىدۇ ؟ لېكىن ئاللا بەزىدە ئۇنچە ئادىل ئەمەسكەن ، كۆيۈكنى بىرىگىلا سەپ قويۇپ تاماشا كۆرىدىكەن . ئەگەر سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى خاتا دەپ ئويلىساڭ مېنى ئىزدىمە ، چۈنكى بۇ خاتالىق مەندىن ئۆتكىنى يوق . ئاللا خالىغان كىشىگە خالىغان كىشىنىڭ ئىشقىنى سالىدىكەن ، بۇنى مەن سەن بىلىپ ، توسۇپ بولمايدىكەنمىز .
گەرچە ﻫازىر ئارىمىز شۇنچە يىقىن كۆڭلىمىز يىراق بولسىمۇ ، بۇندىن كېيىن كۆرۈشۈپ قېلىش ئىﻬتىماللىقىمىز ناﻫايىتى تۆۋەن بولسىمۇ ، بەزىدە ئىختىيارسىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە مۇشۇنداق تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالساقچۇ دەپ ئارزۇ قىلىپ قالىمەن ، شۇ شىرىن خىياللار بىلەن بىرەر سائەت ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئېسىمگە قايتقىنىمدا ئەتراپتىكى پەرۋاسىز ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ ئىختىيارسىز ئۇﻫسىنىپ قالىمەن .
خەير ، ئامان بولغىن ! گەرچە ﻫازىر ساڭا ياردەم قىلىش ، ئۇچرىغان مۇشاققەتلىرىڭنى ئاسانلىتىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ ، ئاللادىن ساڭا تىنىچ ئامانلىق ، خوشاللىق تىلەپ تۇرىمەن ... خوشال ياشا !
بىلەمسەن يۈرۈكۈم سېغىنىش بىلەن تولدى.سەن ئۈچۈن تەلمۈردۈم،سەن ئۈچۈن شەيدالىق قۇچۇقىدا تەققەززا بولدۇم. يۈرۈكۈم چوغ ئۈسىتىگە چۈشكەن قىل كەبى تولغانماقتا.سەندىن تاقەتسىزلىك ئىچىدە خەۋەر كۈتتۈم. بەكلا جىمجىتقۇ سەن ... ئەگەر ئىجازەت بەرسەڭ شۇتاپتىلا لاچىندەك ئۇچۇپ ئالدىڭغا بارغىم بار... ئىشەنمىسەڭ نەزىرىڭنى تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئاغدۇرغايسەن....

رەشىكلەردىن ئۆرتەندىم تالاي،
پىراقىڭدا چوغلۇنۇپ يۈرەك .
دىدارلاشماق بولدى زور ئارمان،
ئەمما پۇرسەت تاپمىدى تىلەك.
كۈتتۈم تالاي كۈتكەنسەن بەلكىم،
ئايان بىزگە يۈرەك تىۋىشى.
چەكسىز كۈتۈش سېغىنىش بىلەن،
پۈتەر ئىكەن سۆيگۈ كەچمىشى.
چاقىر مېنى باراي ئالدىڭغا ،
ۋىسال تاپسۇن تەشنا قەلبىمىز.
بەخت بىلەن زوقلانسۇن كۆكلەپ،
ئىنتىزار بوپ تۇرغان ئىشقىمىز.
تەقدىر ئۈچۈن قىلىپ تەۋەككۇل،
ئىجازەت بەر كۈتىمەن خەۋەر.
تەشۋىشلەرنى قوغلايلى يىراق ،
شىجائەتتىن باغلاپ چىڭ كەمەر.

يۈرۈكۈم سەن ئۈچۈن يەنىلا توختاۋسىز نىدا قىلىدۇ....سەندىن يەنىلا شۇنى ئۆتۈنگۈم كىلىدۇ....
ئەسلىگىن يۈرۈكۈم سەن بىلەن قالدى،
ئەسلىگىن ﻫاياتىم سەندىن نۇر ئالدى.
ئۇنتۇما،نەقەدەر پاكتۇر بۇ سۆيگۈ،
ئەمما ئۇ پاك پېتى مەڭگۈ تاق قالدى.
ئۇنتۇما،سەن ئۈچۈن ئىنتىلگەن يۈرەك،
كۈنلەردە نامايەن پىغانلىق تىلەك .
جۇدالىق بەك ئېغىر بولسىمۇ گەرچە،
ئۈمىدلىك باقىدۇ ﻫامان كېلىچەك.
ئەسلە ﻫەم ئۇنۇتما جان بولسا تەندە،
سۆيگۈدىن مەنا بار مەندە ﻫەم سەندە.
ئەسلەش ﻫەم ئۇنتۇلۇش سەۋرىلىكىدە،
ئۆتىدۇ ﻫاياتتىن شۇنداق ﻫەر بەندە

تەقدىرگە ئامالسىز قىلدىم تەۋەككۇل
ئاغرىدى چىن ئاشىق يۈرۈكۈم بىلسەڭ،
مۇﻫەببەت ﻫىجرىدە چېكىپ دەرت پىغان.
بىپەرۋا چۈش كۆرۈپ يۈرگەنسەن بەلكىم،
ئىشقىڭدا مۇڭلۇنۇپ چوغلانسا ئارمان .
ياتىمەن شۇ تاپتا ئىڭراش ئىچىدە ،
خىيالغا سىرداشتۇر كېسەل كارۋىتى.
ئەزرائىل پىچىرلار قۇلاقلىرىمغا ،
ﻫايالسىز كەلگۈدەك ئەجەل سائىتى.
شىپاگەر مەن ئۈچۈن بىرەر تەسەللى،
خىيالىم شۇقەدەر خىرە بەك خىرە .
ۋاقىتسىز شۇم ئەجەل ئالماقتا قارشى،
قارچۇغۇم قېتىدا ئەشۇ مەنزىرە .
سەن ئۈچۈن ﻫەر دەقىق مۇﻫتاجدۇر دىلىم،
پۇرسەتتە رىزالىق ئالسام بۇلاتتى...
ئامالسىز تەقدىرگە قىلدىم تەۋەككۇل،
ئۇچراشسام بۇ قەلبىم شىپا تاپاتتى.
مىڭ ئەپسۇس ئۇچرىشىش بولمايدۇ نېسىپ،
بىلىمەن كۆرەلمەي ئۆلىمەن بەلكىم...
بىتاپلىق دەشتىدە يۈرگەندە ئىڭراپ،
ئاﻫ ، مېنى ياد قىلىپ قويمايدۇ ﻫېچ كىم.