guide
كۆڭۈل قۇشۇم(ئاق گۈل)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
791 قىتىم
كۆڭۈل قۇشۇم
ئەنۋەر تاشتۆمۈر


1
   ئەي كۆڭۈل قۇشۇم،پىنﻬانە غارىڭدا زاﻫىدلارنىڭ ﻫېكمەتلىرىگە مەﻫلىيا بولۇپ ئولتۇرىۋەرمە.
كېچىدىن بېرى پىغانلىق نالە قىلغان بۇلبۇلنىڭ ئۈنى ساڭا يېشىل ئورماننىڭ يېشىل ساماسىدىن دېرەكلەر يەتكۈزدى.غارلىرىڭدىن چىقىپ چېغىر يول بويىدىكى ئارچا دەرەخلىرى يېنىغا كېلىپ تۇرغىن.ئۇ يەردىكى بوشلۇق ۋە سۈكۈت سېنىڭ قاراڭ بىلەن ناخشاڭغا ﻫېلىغىچە ئىنتىزار بولۇپ تۇرۇپتۇ.قۇم دۆڭلىرىدىكى ئېغىر ﻫارغىنلىق خىيالسىمان شاخلاپ كەتكەن ئورمان يوللىرىدا چېچىلىپ يېتىپتۇ،قۇشلار يوپۇرماقلار ئارىسىدا ئەپچىلگىنە ئۇۋا ياساپ پاناﻫلىنىپتۇ،توزىغان گۈل-چېچەكلەر ﻫەممە يەردە توي چاچقۇسىدەك ئۇچۇپ يۈرۈپتۇ...
   سەن سېﻬىرلەنگەن زەر ﻫەل قەپەسنىڭ نىمجان مەﻫبۇسى ئەمەس!
   سەن،مەپتۇنكار ئالۋۇن باغلىرىنىڭ كۈيچى تۇتقۇنىمۇ ئەمەس!
   پىنﻬانە غارىڭدىن قۇياشتەك پارلاپ چىق ۋە ياكى بۈركۈتتەك قەيسەر قانات قېقىپ چىق،كۆڭۈل قۇشۇم!يېشىل ئورماننىڭ يېشىل ساماسى ﻫېلىغىچە سېنىڭ پارلاق پەرۋازىڭغا ئىنتىزار بولۇپ تۇرۇپتۇ.


    2
   ئەي كۆڭۈل قۇشۇم،كىچىككىنە ﻫۇجراڭدا ئۆتنە بېرىلگەن ﻫەم ئۆتنە ئېلىنغان بىﻬۇدە ﻫىجرانلار بىلەن قاناتلىرىڭنى بوغۇچلاپ يېتىۋەرمە.
    ئەييارلارنىڭ قەدىمى ئىشىك ئالدىڭغا كېلىپ ئۇزۇن-ئۇزۇن تەسىرلىك قىسسىلەرنى سۆزلىگەن،لىرىك شېئىر - قەسىدىلەر بىلەن ياش تۆككەن چاغلاردىمۇ،بۇ ۋەقەلەرنى ئۆزۈڭ بىلەن ﻫېچبىر ئالاقىسى يوق يوچۇن تارىخ بىل!زەڭگەر چۈشلىرىڭ چۇۋۇلغان كوچا دوقمۇشلىرىدا مەن-مەنلا دەيدىغان،ئۆز نەپسى-قارنى ئۈچۈن ئۇيۇلۇشنىڭ ئورنىغا مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈمسىرەيدىغان ئالا-يېشىل ئادەملەر يۈرىدۇ.
    رەڭدار ئۆڭلەردىكى قېنىق بوياقلار تەكتىگە نەزەر سال كۆڭۈل قۇشۇم،ئۇ تەبىئەتنىڭ ۋۇجۇدتىكى ئەسلى مەنىسىدىن ناﻫايىتى يىراق. ئۇ ئۆڭلەردە سەن بىلىشنى كۈتمەيدىغان ﻫەم بىلىشنى خالىمايدىغان دەﻫشەتلىك گويا پەردە كەينىدىكى سۈيقەستچىدەك ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغان.
   ...يارا ئېغىزىدىن ﻫېلىغىچە قان تېمىپ تۇرىدۇ،داغلار يۇلتۇزلار ئەكسىدە قارىيىپ بارىدۇ،قاڭسىق پۇراق كۈلكە چۇڭقۇرلۇقىدىن دىماغنى ئېچىشتۇرغۇچى چاڭ-توزان مىسالى ئۆرلەپ تۇرىدۇ...
   ئاﻫ كۆڭۈل قۇشۇم،سەن بىپايان خىيال ئېكىنزارىنىڭ ئازغۇن ئەكسى ئەمەس!
   سەن بەختىيار ئوۋچىنىڭ بەختسىز ئولجىسىمۇ ئەمەس!
   مانا،ئورماندىكى سۇلغۇن ئىستەكلەرنىڭ سۇلغۇن چېقىنى يامغۇرلۇق گۇگۇمنى ئىشارە قىلدى.مەن قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرىدا يۇيۇنۇپمۇ،يەنە يامغۇرلۇق كېچىدىكى قايناملاردا چۆمۈلۈشكە تەييار تۇرۇپتىمەن!


   3
   ئەي كۆڭۈل قۇشۇم،تۈنۈگۈنلەرنىڭ قۇلۇپلانغان ئۆيلىرى ئالدىدا ئەرۋاﻫتەك ئەگىپ يۈرىۋەرمە.
    بۈگۈننىڭ خاتىرە بەتلىرى ئاللىبۇرۇن ئېچىلدى،ئۇنىڭغا ﻫەم ئەتىنىڭ تەۋەللۇت سىرلىرى سەۋەپلىك يوسۇندا پۈتۈلمەكتە.
   ۋاقىت چوڭقۇرلۇقىدىن ئىلاﻫ سىماسى پارلايدۇ. قۇلۇپلانغان ئۆيلەرنىڭ غۇۋا دېرىزىلىرىدىن ئېﻬتىمال شۇ مۇقەددەس سىماﻫنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن نەرسىلەردىكى روشەن ئىزناسىنى كۆرگەنسەن!
   قايتىپ كەل،سېنى ﻫىجران كۈيىگە بۆلەپ شادلىق نېسىۋەڭدىن ئايرىغان ئازاپلىق ئەپسانە قايتا تەكرارلانمىسۇن!
   مەن سېنى چاقىرغان سەﻫەر مېنىڭ ماتەم كۈيۈم چېلىنغان دەملەر بولۇپ قالمىسۇن!
   ماكانسىز روﻫ سەرسانىدۇر.گۇگۇملاردىن ﻫالقىپ كېتىدىغان تاشقىنلىق ۋاقىت يوللىرى مانا ﻫېلىغىچە سېنىڭ رەڭدار ﻫەرىكەتلىرىڭگە ئىنتىزار بولۇپ تۇرۇپتۇ!
   سەن ﻫاياتلىق جەزىرىسىدىكى بىر ﻫارغىن يولۇچى ئەمەس!
   سەن ئەرۋاﻫلار روﻫىغا سەدىقە قىلىنغان مۇناجات پېرىخونىمۇ ئەمەس!
   تار،تىنجىق ﻫۇجراڭدىن كەڭرى ساماغا ئۇچۇپ چىق كۆڭۈل قۇشۇم!ئۇندا سەيياﻫ شاماللار بىلەن ئۇچرىشىپ ،ئۆز كۈيلىرىڭنىڭ تىلسىمىنى يەشكىن،ئۆز ﻫۆرلۈكىڭنىڭ مەنىسىنى تاپقىن،ئۆز شادلىقلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك رېتىم مىلۇدىيىسىنى ياراتقىن!سەن پەقەت ئۆزۈڭگە ،ئۆزۈڭگە ئوخشايدىغان نەرسىلەر بىخ سۈرگەن يېپيېڭى دۇنياغا ،قان-دىل يىپلىرى بىلەن چىگىلگەن مۇقەددەس ﻫەم شېرىن رىشتىڭگىلا قەرزدار!



   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاق گۈل، ئانا تىل-يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا يازما ئەۋەتكەن مىننەتسىز ئەجرىڭىزگە كۆپ رەﻫمەت! مۇشۇنىڭدەك ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىلغان ئېسىل يوللانمىلىرىڭىزغا تەشنامىز!
    _ ئاقيول تور ئىشخانىسىدىن