خەيرى-خوش ئامرىقىم
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 886 قىتىم
خەيرى-خوش ئامرىقىم .
بۈگۈن مەن ساڭا ۋە مىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئىسكەنجىگە ئىلىپ كەلگەن تەلۋە ﻫىسياتىمغا خوش دىيىش قارارىغا كەلدىم . بەلكىم مىنىڭ خوش دىگەن گىپىمنى ئاڭلاپ كۈلگەنسەن ،مىنى بىردەملىك خىيالنىڭ سەۋەبىدىن خوش دىۋاتىدۇ دەپ بىلگەنسەن ؟ چۈكى مەن ئۆز تىرىشچانلىقىم بەدىلىگە ساڭا خوش دىيەلمەيدىغاندەك ئىشەنچىنى ئاتا قىلغان تۇرسام ، قانداقمۇ مىنىڭ خوش دىيىشىمگە ئىشەنگۈدەكسەن.
ئامرىقىم -بۇ گەپ نىمە دىگەن يىقىملىق ﻫە؟ياق مەن راستىنلا ساڭا ئامراق .سىنىڭ ئىشىڭ ئوڭغا تارىتقاندا كارىڭنىڭ بولماسلىقىغىمۇ ،ﻫاجىتىڭ چۈشكەندە <<گۈلۈم>>سىزنى بەك سىغىندىم دەپ يالغان ئىيتىپ كىلىشىڭگىمۇ، مەس بۇلۇپ قالغاندا دەرىت تۆكدىغان ئادەم تاپالماي ئىزدەپ كىلشىڭگىمۇ، باشقىلاردىن ئالالمىغان ئاچچىقىڭنى مەندىن چىقرىشىڭغىمۇ ،تاماق يىگەندە شالاپشىتىپ يىيشىڭگىمۇ، يانچۇقىڭغا پۇل كىرگەندە بىر خوراز بىر تو مىكياننى كەينىگە سىلىپ يۈرگەندەك بىر توپ قىزلارنى كەينىڭگە سىلىپ كوچىمۇ-كوچا يۈرىشىڭگە ئىشقىلىپ ﻫەممە-ﻫەممە تەرىپىڭگە شۇنچە ئامراق .شوڭا سىنى ئىككىلەنمەيلا ئامرىقىم دىسەم بولىۋىرىدۇ.
ئامرىقىم ئىﻬتىمال ئاسان ئىرىشكەن نەرسىنىڭ قەدرى بولمىسا كىرەك ، ئالدىڭدا ﻫارغۇچە خارلاندىم .كوچىلاردا ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۈرگەن قەلەندەردەك بىچارە ﻫالەتتە ياشىدىم .سەندىن ﻫىچنەرسە كۈتمىگەن ئىدىم .پەقەت بىر سەمىمى كۈڭۈل .يىقىلسام يۆلەيدىغان ئاددى بىر دوستلۇق تەلپىنى كۈتكەن ئىدىم. ئەمما سەن مىنى شۇ قەدەر پەس كۆردۈڭ . نەزىرىڭدە سەن مەن ئۈچۈن بولمىسا بولايدىغان سۇ،ﻫاۋادىنمۇ مۇﻫىم ئىدىڭ .
ئامرىقىم سەن راستىنلا مەن ئۈچۈن بەكمۇ-بەكمۇ مۇﻫىم ئىدىڭ .سەنسىز ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلغان ئەمەسمەن . شۇ سەۋەپلىك قىزلىق غورورىمنى دەپسەندە قىلساممۇ چىدىغان ئىدىم . بۇ چىدام غەيرەتنى ماڭا سەن ئاتا قىلغان ئىدىڭ.
لىكىن ئامرىقىم مەن سەندىن دوستلارچىمۇ ﻫۆرمەتكە ئىرشەلمىگەن بۈگۈنكى كۈندە ساڭا خوش دىيىشىم كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم .مىنى زاڭلىق قىلۋاتامسەن . زاڭلىق قىل چۈنكى مەن يىڭىلگۈچى.لىكىن ئۆزەڭگە قاراپ باقە قىنى . سىنى كىم زاڭلىق قىلمايدۇ .
قاۋاقلادا يۈرگەن قىزنى ﻫىچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ ،ئەخلاقسىز دەيدۇ.ئۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن شۇ يەرگە بارغىنى بىلەن ﻫىچكىم ﻫىسابلاشمايدۇ . ئۇنداقتا باشقىلارنى ئىزىش بىلەن ﻫەتتا ئۆزى بر تەندۇرۇس ئەركەك تۇرۇپ پۇلنى دەپ ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنى ئالدىغان ياكى ماڭا ئوخشاش بىرىنى چىن دىلدىن سۆيگەنلەردىن پايدىلىنىپ پۇلىنى خەجلەپ يۈرىغان ،ئاجىزلارنى زورلۇق بىلەن بوزەك قىلدىغانلارنى نىمە دەيمىز . ئەگەر مۇشۇ ئەرلەر ئايال بۇلۇپ قالغان بولسا ئۇلار نىمە ئىش قىلار ئىدى.
شوڭا ئامرىقىم ماڭا قاراپ كۈلمەي ،ئۆزەڭگە ۋە ئۆزەڭگە ئوخشاش ئاجىزلارغا قاراپ كۈل . كۈلۈش توغرا كەلسە مەن ئۆزەمدىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ كۈلىمەن . باشقىلارنى سۈيۈش ئاسان بولغان بىلەن چىن دىلىدىن سۆيۈش ،ئۆز سۆيگىنىگە بارلىقىنى بىغىشلاش ئاسان ئەمەس . سەندەك ياشاش ئاسان بولغان بىلەن مەندەك قۇربانلىق بىرىپ ياشاش تەس.
ئامرىقىم ساڭا خوش .بەلكىم مەن سىنىڭ كىشلىك ﻫاياتتىكى سىناقلىرىڭغا بەراشىق بىرەلمىگەن بولسام كېرەك . سىنىقىڭنى داۋاملاشتۇرىۋەر . سەن ئويلىغاندەك جاناندىن بىرسى چىقىپ شۆﻫرەت گۈلۈڭنى قىسىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.