ئەمدى سېنى كۆرگۈم يوق
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 764 قىتىم

توۋا..... مەن ئەجەبمۇ ئاجىز ئىكەنمەن. سېنىڭ تويۇڭ بولۇۋاتسا مەن بۇ يەردە ﻫەسرەت چېكىپ ،ساڭا قىلچىلىك پايدىسى يوق خىياللارنى قىلىپ كېتىۋاتىمەن.
دېمىسىمۇ مېنىڭ قولۇمدىن سېنى ئويلاش ،سېنى سېغىنىشتىن باشقا نېمە ئىش كېلەتتى.
بىراق شۇنى چۈشەنمىدىم، سەن نېمىشقا باشقا ئادەم يوقتەك ،مېنىڭ قوشنام يەنى مەن ئەڭ يېقىن دەپ بىلىدىغان دوستوم بىلەن توي قىلىسەن.
بۇ مېنى ياراتمىغىنىڭمۇ يە؟ ئەگەر تويوڭ بولۇشتىن بۇرۇن ماڭا دەپ قويغان بولساڭ مەن بۇنچە تەڭلىكتە قالارمىدىم ﻫەم بۇنچە ئازابلىنارمىدىم. راستىنى دېسەم سەندىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا ئەمەس بەلكى سەندەك بىر ۋاپاسىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمغا ئازابلىنىمەن.
مۇشۇ ئازابلار قوينىدا تۇرۇپ، ئانام بىلەن بولغان بۇ دېئالوگلارنى ئەسكە ئېلىۋاتىمەن.
ئانام كەچلىك تاماق ۋاقتىدا:
- بالام ،سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ، قوشنىمىزنىڭ بالىسنىڭمۇ ئەتە تويى بولىدۇ. شۇڭا داداڭ ئىككىمىز سېنىڭمۇ تويۇڭنى قىلىپ بالدۇرراق نەۋرىلىك بولساق،بۇ تۆت كۈنلۈك جاﻫانغا تۈۋرۈك بۇلالمايمىز بالام. كۆڭلۈڭدە بىىرەرسىگە كۆزۈڭ چۈشكەن بولسا دېگىن، چاي ئىچكۈزۈپ قويايلى،-دېدى.
« توي دېگەن ئۆمۈر ئىشى» دېمىسەسمۇ سەل تارتىنغان ﻫالەتتە بېشىمنى قاتتىق بىر قاشلىۋەتكەندىن كىيىن قىزار غان ﻫالدا؛- ئانا، دادامغا دېمىگىن .مېنىڭمۇ ئويلىغىىنىم بار،-دېدىم.
ئانام كۆزۈمگە تىكىلپ تۇرۇپ:
-چاپسان دېگىن ؟ئۇغۇل بالا سەندەك تارتىنىپ يۈرسە قانداقمۇ بىر قىز بالىغا گەپ قىلالايدۇ؟
-مېنىڭمۇ ئويلىغىنىم بار،بىراق ﻫېچكىمگە دېمە ﻫە؟
ئانام مەندىن جاۋاب كۈتۈپ ئولتۇراتتى.
-يۈرۈۋاتقىلى خېلى ۋاقىتلار بولدى . ئۇنى سەنمۇ تونۇيسەن، ئىسمى گۈزەلنۇر.
- ئاۋۇ ﻫېلىقى يۇقارقى مەﻫەللىدىكى ئەلىجاننىڭ قىزى گۈزەلنۇرنى دەمسەن؟– ئانامنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ قان قالمىغاندەك بولۇپ:-ئۇنىڭدىن باشقا قىز چىقمىدىمۇ ساڭا ؟ توۋا قىلدىم ،ماۋۇ بالىنىڭ ئىشىنى، ئەتە تويى بولىدىغان قىزنى ئالىمەن دېگىنىنى!..............
بۇگەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن سوغۇق سۇ قۇيغاندەك تىترەپ كەتتىم-دە، يۈگۈرگىنىمچە ئۆيدىن چىقتىم.............
ئەمدى ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن.
كېتىپ بارىمەن،يىراق-يىراق جايلارغا كېتىپ بارىمەن.
ﻫەممىنى سېغىنساممۇ بىراق سېنى سېغىنماسمەن. ئىسىت....ئىسىت.ئەمدى سېنى قايتا كۆرگۈم يوق!