كۈلكە ۋە يىغا(ئاق گۈل)
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 889 قىتىم
كۈلكە ۋە يىغا

مەن كېتىۋاتىمەن،كېتىۋاتىمەن.نېمە ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىمنى ئۇقمىدىم.بەلكى تەبىئەت ئىختىيارى مېنى مەقسەت قىلغاچقا مەقسەتسىز كېتىۋاتقاندىمەن.ئالدىمغا بىر ئادەم ئۇچرىدى،ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى،ئۇ ئەتراپقاقاراپ كۈلۈشكە باشلىدى.بەلكى ئۇ مەقسەتسىز كۈلۈۋاتقاندۇ،بەلكى تۇرمۇش ئۇنى مەقسەت قىلىپ كۈلدۈرۈۋاتقاندۇ!؟مەن كۈلۈۋاتقان كىشىگە قاراپ كۈلدۈم،مەنمۇ ئەتراپقا قاراپ كۈلۈشكە باشلىدىم.شۇ كۈلۈشۈمدە ئۆزۈمنى ئۇنتۇدۇم،شۇ كۈلۈشۈمدە بەلكى ئۆزۈمنى كۈلگەنلەر قاتارىغا كىرگۈزىۋەتكەندىمەن.مەن شۇ مېڭىشىمدا يىغلىغان بىر ئادەمگە ئۇچرىدىم،كۈلكەمنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قىزارغان كۆزىگە،تۆكۈلگەن ياشلىرىغا ،تىترىگەن تېنىگە ،قەلبىگە ئۇزاقتىن ئۇزاق باقتىم.ئاشۇ بېقىشىمدا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن،ئۇنىڭ چېﻬرىدىن،ئۇنىڭ قانلىرىدىن كۈلكەمگە تەسەللى ئىزدىدىم،مەن ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە يىغلىۋەتتىم.ئىككىمىز يىغا ئىچىدە كۈلكە ئىزدەپ بىر-بىرىمىزگە باقتۇق،ئەتراپقا قاراشتۇق.
كېتىۋاتىمەن،ئالدىمغا يەنە ئىككى ئادەم ئۇچرىدى،مەن ئۇلارغا قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.شۇ تۇرقۇمدا يا يىغلاشنى،يا كۈلۈشنى بىلمىدىم.مەن كۈلەرمەن،بەلكى ئۇلار يىغا ئىزدەپ ماڭغاندۇ!؟مەن يىغلارمەن،بەلكى ئۇلار كۈلكە سېغىنىپ كېتىۋاتقاندۇ؟!
ئاق قالغان ئاق قەغەز

شامال ئالدىمغا بىر پارچە ئاق قەغەزنى -ئاق قالغان ئالىقانچىلىك ئاق قەغەزنى ئۇچۇرۇپ كەلدى.قاداق باسمىغان،قاپارمىغان قوللار ئاشۇنداق ئاق ئىدى؛چاتقاللار قوينىدا قالغان ئاققۇ پېيى ئاشۇنداق ئاق ﻫەم بىچارە ئىدى؛ۋۇجۇدىنى،مېﻬرىنى يامغۇر قىلىپ زېمىنگە تۆكۈپ بەرگەن بۇلۇت پارچىسى ئاشۇنداق ،ئەنە شۇنداق ئىدى.
سۇسىز قالغان زېمىندىكى لاتقا پارچىسىدەك ئاشۇ قەغەزنى شامال ئالدىمغا گويا قەدىمكى ئاق ئۆينىڭ تۇغۇندىسىدەك ئۇچۇرۇپ كەلدى. تىلەمچىنىڭ ئالقىنىدەك ئاشۇ قەغەزنى،مويسىپىتلار چېچىدەك ئاشۇ ئاق قەغەزنى شامال ئۇچۇرۇپ كېلىپ ئالدىمغا تاشلىدى.مەن مەيۈس ﻫالدا ئېگىلىپ تۇردۇم. ئالدىمدا ئۇ قەغەز،گاﻫ قورغاندىن سىيرىلىپ چۈشكەن بايراقتەك ياتىدۇ،گاﻫ ئانامنىڭ ئاق لېچىكىنىڭ بىر پارچىسىدەك،بوۋامنىڭ پەرىجىسىدىن يىرتىلىپ كەتكەن پارچە بەتتەك سەرسان بولىدۇ،ﻫەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرىدۇ.
غازاڭلار تۆكۈلەتتى،ئۇلار خۇددى ساۋۇت ئۈستىدىكى مىس تەڭگىلەردەك تۆكۈلەتتى.ئاشۇلار ئارىسىدا ئالىقانچىلىك ئاق قەغەز،گويا قىلىچ پارچىسىدەك كىچىككىنە ئاق قەغەز،شۇنداق،ئۇ كىچىككىنە،پەقەت ئالىقانچىلىك.ئەمما،ئۇنىڭغا بوران،شامال،جۇدۇن-چاپقۇن ئاراملىق بەرمىدى؛چېقىنلار چۈشىنى بۇزدى،قۇم-بارخانلار يۇتۇشنى ئويلىدى،ئاي يورىقى ئۇنى قورىدى،كۈن تارام-تارام نۇرلىرىغا،ئاپتىپىغا ئۇنى ئورىدى.ئۇ ،ئاشۇ ﻫالدا كۆيدى،قىزاردى،قاندەك قىزاردى.ئەتلەستەك جۇلالاندى،شەپەقتەك كۈلدى.ئۇ ئەسلى تاڭدەك تۇغۇلغان،ئاشۇنداق ئاق ﻫەم ئاقىرىپ تۇغۇلغان ئالىقانچىلىك قەغەز ئىدى.
ئاﻫ،ئاق قالغان ئاق قەغەز،يامغۇر بولۇپ سارغايغان،قىزارغان يۈزۈڭنى سۆيۈپ قويايمۇ؟!قار بولۇپ ۋۇجۇدۇڭنى ئاق پەيلەرگە ئورايمۇ ياكى شامال بولۇپ سېنى يەنە ئۇچۇرايمۇ،ئۇچۇرايمۇ!؟
ﻫاۋا بىردىنلا چىرايىمدەك تۇتۇلدى.ئاسماندا قارا كۆزنىڭ بوستان چاچلىرىدەك بۇلۇتلار تۈرۈلۈپ ئاقتى.چېقىن چېقىلدى،يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.ئۇ ،غازاڭ قاپلىغان زېمىنگە سىڭدى،ئۇ،چېغىر يوللار سوزۇلغان تاغ يامزىلىدىن ئاقتى،جىرالىرىنى،دەريالىرىنى ئىزدەپ ئاشۇنداق ئاقتى.ئاشۇ يەردە ئاق قەغەز -ئالىقانچىلىك ئاق قەغەز،گويا كېمىنىڭ يەلكىنىدەك،يامغۇرنىڭ تامچىسىدەك،دەريانىڭ تۈرۈم -تۈرۈم دولقۇنىدەك.
يامغۇر توختىدى،قۇياش يىغىدىن پەسلىگەندەكلا يامغۇر توختىدى.ﻫەسەن-ﻫۈسەن چىقتى.شامال كۆتۈرۈلدى.ئۇ ،ﻫەسەن-ﻫۈسەننى غازاڭدەك توزىتىش ئۈچۈن،ئاق قەغەزدەك ئۇچۇرۇش ئۈچۈن كۆتۈرۈلدى.ئاق قەغەز -ئاق قالغان ئالىقانچىلىك ئاق قەغەز ﻫەسەن-ﻫۈسەنگە قاراپ ئۇچتى،ئۇنىڭ ئۇنىڭغا سىڭىپ كەتكۈسى بار،قۇياشقا قاقلانغۇسى،تاۋلانغۇسى بار.بەلكى شۇ يەردە ئۇنىڭ مۇڭى تۆكۈلەر،قەدىمىي چۈشىگە تەبىر بېرىپ كۈلەر.قۇياش ئاپتىپى ،قۇياش شامىلى ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ كېلەر،رىۋايىتىنى سۆزلەپ بېرەر.
بىباﻫا ئانا تىل-يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا ئەۋەتكەن يوللانمىڭىزغا تەشەككۈر، قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي!
-تەستىقلىغۇچىدىن