مۇﻫەببەتلىك قەلب
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 816 قىتىم
ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكىلى بىر يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ.قەلبىمنى بېسپى ياتقىنى ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز سېغىنىش،چەكسىز بەخىت تىلەش ۋە چەكسىز نەپرەت.
تاساددىبى ئۇ ئېسىمگە كىلىپ قالسا قەلبىمنى بىر خىل ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش قاپلايدۇ.ﻫېس –تۇيغۇلۇرۇم قالايمىقانلىشىپ ،پۇت –قوللۇرۇم كالۋالىشىپ ئۆزۈمگە –ئۆزۈم يۈز كىلەلمىگىدەك ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىمنى ئېتراپ قىلىدۇ.ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىمەن.لېكىن ئۈمىدسىزلەنگەن قەلبىم ،يۈرۈكۈم ئۇنىڭ ئۈچۈن سوقىدۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاﻫ ئۇرىدۇ.ئۇنىڭ ئىسمنى شىۋىرلاپ ماڭا ئېيتىدۇ.بىر كۈنىلىك خىزمەتتىن ﻫېرىپ ﻫالمىدىن كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاشۇ سايە ئۇنىڭ سايىسى ماڭا ئەگىشىپ چۈشلىرىمنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ چىقىدۇ.ئاﻫ..........ئاشۇ تىنىمسىز سوقۇۋاتقان يۈرەك،سەن بۇرۇن مەن ئۈچۈن سوققان بولساڭ ئەمدى مەن ئۈچۈن سوقمايسەن.چۈنكى بىراۋ سېنى تارتىۋالدى.بۇرۇن ئىگەڭنى ئويلايدىغان ئاشۇ يۈرەك ئەمدى ئاشۇ تونۇش سىمانى كۆرگەندە ياق....يۈز مىڭلارچە ياق،ئۇنى ئىگەڭنىڭ كۆزى كۆرۈشتىن بۇرۇن تونۇپ ئىگەڭنى جىددىلەشتۈرۈسەن.ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغاندا سوقۇشۇڭ تىزلىشىدۇ.ﻫارىسەن....ساڭا بېسىم بولىدۇ.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىگەن جايلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشتىن قورقىمەن.ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەيلە قىلغان ئايدىڭ كېچىلەرنى ئويلاشتىن قورقىمەن.چۈنكى ئۇنىڭدا سەن بار.سېنىڭ سىمايىڭ بار.بۇرۇنقى ئۇنىڭغا بولغان مۇﻫاببىتڭنى ئەسلەشتىن ئۇيۇلىسەن قورقىسەن.ئۆزۈڭنى ئۆزلىگىڭنى تونۇغان ۋاقىتتا،ۋاقىتنىڭ سېنىڭ ياشلىق بېتىڭنىڭ ﻫەر بىر بېتىنى يىرتىپ تاشلىغان چاغدا ئۇنىڭغا نەپرەت كۆزۈڭ بىلەن چەكچىيىپ قاراپ قويىسەن.ئېتقاد-ئىمان سەندىن يىراقلىشىپ ماڭغان چاغدا ئۇنىڭغا قىيمايسەن .ئاشۇ جانسىزكۆزلىرىڭنى ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ تىكىپ جانسىز قوللۇرۇڭ بىلەن ئۇنى تۇتىۋالماقچى بولىسەن، لېكىن ﻫەممىسى سېنى تاشلاپ كېتىدۇ.سەن كىشلىك ﻫاياتتىكى مەۋجۇتلىقتىن زېرىكسەن.ئەمما ۋاقىت ﻫەممىنى ئىسپاتلايدۇ.چۈنكى سەن ﻫەممىنى سېنى سۆيىدىغان ،سېنى قەدىرلەيدىغان كىشلىرىڭدىن ئايرىلىپ قىلۋاتاتتىڭ.
ئۇنىڭغا ﻫەر كۈنى تېلېفون قىلسەن ،ئۇنىڭ تاماق يىگەن ياكى يىمىگەنلىكىنى سورايسەن.ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۈلىسەن.ئۇنىڭ ئۆيگە قايتىپ دەرت دەستىدىن پۇچۇلانغان ،مۈكچەيگەن ئاپسنى يوقلاپ قويۇشنى ئۆتىنىسەن.لېكىن ئۇ ئۇ نەرسىلەرگە نەزەرسىز كۆزلىرى بىلەن دىققەت قىلىپلا قويۇپ ئىشىنى قىلىۋىرىدۇ.ئۇنىڭ سوغاق مۇئامىلىسگە ،ئالدىراپ تېلېفوننى قويىۋىتىشىگە،ئۇنىڭ پىسەنىت قىلماسلىقلىرىغا ئىرىشسەن.بىر كۈنلىك خىزمەت ئەﻫۋالىڭنى ئۇنىڭ خەۋەر قىلشنى ،ئۇنىڭ ئەرلىك غورۇرى بىلەن ساڭا مەدەت بىرشنى يار-يۆلەك بولۇشنى ئۈمىد قىلسەن.ئۇنىڭمۇ قىلغان ئىشلرىدىن خەۋەر تېپىشنى ،ئۇ ئۈمۈتسىزلەنگەندە تاتلىق ئاۋازىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مەدەت بىرىشنى ، تەسەللى بىرىشنى ئۈمىد قىلىسەن.لېكىن ئۇ بۇلارنى ئۈمىد قىلمايدۇ.بۇلارغا پىسەنىت قىلمايدۇ.سەن يىغلاپ تۇرۇپ تۈككەن دەرتلىرىڭنىمۇ ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ.ئۇنىڭغا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان قوللۇرۇڭ،تېز-تېز سوققان يۈرۈكىڭ ئۇنى ياخشى كۆردىغانلىقىڭنى ئېتراپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.ئەمما قەلبىڭنىڭ بىر يىرىدە بىخ ئۇرۇپ ئۈسۈۋاتقان نەپرەت ئۇنى ئېتراپ قىلىشقا يول قويمايدۇ.نېرۋىلىرىڭ چارچايدۇ.ئىش ئۈنۈمىڭ بولمايدۇ.ئاغزىڭىدا پىچىرلايدىغىنىڭ ‹ئۇ مېنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدى›.ئەمىليەتتە قىلدىغىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تىنىمسىز تىرشىش.ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش،ئۇنىڭ توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىش.ئۇنىڭ بەختىنى كۆرۈش.ئەمما ئۇنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى ئەكىسچە.سېنى يالۋارتقۇزۇش،سېنى ئالداش،سېنى ئالداش بەدىلىگە ئۆزىنى خۇشال قىلىش.چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە پاك مۇﻫاببەتكە ئورۇن يوق.ئۇنىڭ ئىرىشمەكچى بولغىنى ساپ بولمىغان مۇﻫاببەت.ئۇنىڭغا تۇيۇقسز نەپرەتلەنمەكچى بولىسەن، ئەمما يۈرۈكۈڭ چىدىمايدۇ.ئۇنى ئۇنتۇپ كەتمەكچ بولىسەن ،ئەمما سېنىڭ باﻫار ئاپتىپىدەك ئىللىق كۆڭلۈڭ ئۇنى تاشلىۋىتىشكە ئۇنمايدۇ.قانداق قىلىشنى بىلمەيسەن.ساڭا خىزمەتمۇ ،گۈزەل ئارزۇ –ئارمانلارمۇ بەرىبىر.چۈنكى سەن ئۇنىڭدىن بەخىتىلك بولۇپ قالساڭ ئۇنىڭغا ئۆزەڭنى يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ﻫېس قىلسەن.نېمە ئۈچۈن؟تالاي نېمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاپ تاپالمەيسەن.ئۇ بەخىتلىك بولالمىغاندا سەۋەنلىكىنى ئۆزۈڭدىن ئىزدەيسەن.سەن باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشكە پىتنالمايسەن.ئاشۇ ئۇنىڭ سىماسى توشۇپ كەتكەن قەلبىڭگە يەنە بىرسىنىڭ سىماسى ﻫەرگىز پاتمايدۇ.كۈندىكى تەشۋىش،كۈندىكى ئايىغى چىقمايدىغان خىياللار سېنى قاتتىق قىينايدۇ.ئۆزىڭىزنى ئالدايسەن،يەنە رېئاللىققا قايتىپ كىلىسەن.رېئاللىقتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرسەن .تەكرارلىشىپ تۇردىغان كۈن-تۈندە ئۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكەن ئەسلىمىلەر بىلەن بىللە ياشايسەن.

بۈگۈن باشقا نوقتىدىن ئەتراپىڭغا نەزەر سالىسەن.تالايلىغان مۇﻫاببەتلىك كۆزلەر ساڭا تەلپۈنگەن- ﻫە!تالايلىغان ساخاۋەتلىك ئىشلار سېنىڭ قىلىشىڭنى كۈتىۋاتقان –ﻫە!نۇرغۇنلىغان غايىلەر سېنىڭ جاپا ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېتىشىڭنى ئۈمىد قىلۋاتقان –ﻫە!
دەرىزە پەردىسنى ئاستا قەيرىۋەتتىم.كۈن نۇرى كۆزۈمنى چاقنىتىپ ئۆتتى.مۇﻫاببەتلىك كۆزلەرنى بايقىيالمىغان قەلبىتە قانداقمۇ مۇﻫاببەت بولسۇن؟قەلبىمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ﻫېس قىلدىم.ئۇنى ياشارتىشىم كېرەك.ئاللىقاچان ئۆلگەن ،سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭغا ئىتراز بىلدۈرگەن قەلىب ئۈچۈن بەدەل تۈلىگىنىڭگە ئىچىڭ ئاچچىق بولىدۇ.ئەمما يۈرىكىڭ پىژژىدە ئېچىشىدۇ.قاتتىق بىرنى تىنغاندىن كېيىن ئىسراپ قىلغان ۋاقتىڭغا ئىچىڭ ئاغرىيدۇ.ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ ۋاقىتنى خاتىرەڭ بىتىدىن ،تۇرمۇش كارتىناڭدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى ئۈمىد قىلسەن.مېيىقىڭدا ئۆزۈڭنى تېپىۋالغىنىڭغا خۇشال بولىسەن.پەقەت مۇﻫاببەتلىك كۆزلەرنى بايقىيالىساڭلا مۇﻫاببەتلىك قەلىبلەر ساڭا تەئەللۇق بولۇپ سېنى مەڭگۈدىن –مەڭگۈگە سېنى قوغدايدۇ.ئۇنىڭدىن قەتئى نىيەتكە كىلىپ ۋەز كېچەلىسەڭلا سېنى كۈتۈپ تۇرغىنى پارلاق ئىستىقبال ،گۈزەل ئەتە!