ئۇ.....(نەسىر)
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 821 قىتىم
ئۇ .....
مۇﻫەممەتئېزىز تۇرسۇن
ئۇ سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاق، ئۇنىڭ ﻫەربىر تامچىسى كىشىنى راﻫەت - بەخىش تۇيغۇسىغا چۈمدۈرىدۇ.
ئۇ گۈل يۈزىدىكى شەبنەم، ئۇ ئۆزىدە پۈتۈن دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرەلەيدۇ.
ئۇ كېچىدە كىرپىك قاقماي گۈل تۈۋىدە سايراپ چىققان بۇلبۇل، ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن غەپلەت ئۇيقىسىدا ياتقانلارنى ئويغىتىدۇ.
ئۇ چۆلدىكى جەزبىدار ئالۋۇن...
ئۇ توختىماي ئۆز ئىسمىنى چاقىرىپ سايراۋاتقان كاككۇك........
ئۇ يىراقتىكى ئاقباش كۈمۈش چوققا.........
ئۇ ئەمدىلا ئۆملەشكە باشلىغان سەبى بوۋاق، ئۇنىڭ قەلبى پەرىشتىدىنمۇ ساپ.
ئۇ كۆيىۋاتقان شام، ئۇ ئۆزىنىڭ ﻫاياتى بەدىلىگە باشقىلارنى يورۇقلۇققا ئىگە قىلىدۇ.
ئۇ سەﻫەردە ئېچىلغان گۈل، ئۇ ئۆز گۈزەللىكى بىلەن ﻫەر قانداق گۈزەللىكنى خىجىل قىلالايدۇ.
ئۇ يىراقتا ئاڭلانغان كارۋان ناخشىسى........
ئۇ ئۇپۇققا تۇتاشقان زېمىن........
ئۇ ياقا يىرتىپ ناۋا قىلىۋاتقان ئاشىق...........
ئۇ قۇملۇقتىكى ياشىرىپ تۇرغان توغراق، ئۇنىڭ قەددى مەڭگۈ پۈكۈلمەيدۇ.
ئۇ ئەمدىلا كۆتۈرلىۋاتقان تاڭ قۇياشى، ئۇ ﻫاياتلىقنىڭ تۈۋرۈكى.
ئۇ مەن يازغان مۇﻫەببەت لىرىكىسى، ئۇنىڭ ﻫەر بىر مىسراسىدىن مۇﻫەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.
2010.5.4