پىنﻬاندىكى تۇيغۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1000 قىتىم

جىگدە چېچەك ئاچقان خىلۋەت كۆل بويىدا ۋۇجۇدۇمنى ﻫىجران پەردىلىرىگە ئوراپ سېنى ئەسلەپ ئولتۇرماقتىمەن. كۆلنىڭ ئۈنسىز سۈكۈت قوينىدىكى دەقىقىلەر ﻫەسرەتلىرىمنى تېخىمۇ ئۇلغايتماقتا ئىدى. ﻫايات مەنزىلىمدە سېنىڭسىز كۈنلىرىمىنىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكى ئۆزلۈكىدىن ئايان بولۇپ تۇرماقتا. دىلخانەم كۆكىدە پەقەت ۋە پەقەت سېنىڭ غۇبارسىز سىمايىڭ... ئېﻬ، تەنﻬالىقتىكى قاغجىراش، قاغجىراش ئىچىدىكى تەنﻬالىق. يىگانىلىق ئىچىدىكى ئازاب، ئازاب ئىچىدىكى مىسكىنلىك!
تۇيۇقسىز يىراقتىن چوپان يىگىتنىڭ يېقىملىق ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. كىچىكىمدە رەﻫمەتلىك ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك مۇڭلۇق تۇيۇلغان، ۋۇجۇدۇمغا، ﻫۈجەيرە، قان تومۇرلىرىمغا سىڭىشىپ كەتكەن خەلق پۇرىقىدىكى بۇ ناخشىلارنى تالاي ئاشىقلار مەشۇقلىرىنى كۈيلەپ ئېيتقان بولغىيتتى؟!
...
تۇيۇقسىز كۆل يۈزىدىن ياڭراق بىر ئاۋاز كەلدى.
—ئەي ئاشىق يىگىت، تۇر ئورنۇڭدىن، ئۆزۈڭنىڭ يۈتتۈرۇپ قويغان مەشۇقىڭنى ئىزدىگىن. تالاي ئاشىق ۋە مەشۇقلارنىڭ گۇۋاﻫچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ساڭا شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى،ئاشىقلىق مۇساپىسىدە زەپىراندەك سارغايغان، ئۆمرىنى تىراگىدىيە ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆزىنى كۆلگە تاشلىغان ئىرادىسى ئاجىزلارنى كۆپ كۆرگەنمەن. چىن ئاشىققا نىسبەتەن چۈشكۈنلۈك ياراشمايدۇ، بەخت پەقەت تىنىمسىز قوغلاشقانلارغا مەنسۇپ!
ئۇنىڭ ئەكس ساداسى قۇلىقىمدىن ئېقىپ كىرىپ يۈرىكىمنىڭ پىنﻬانلىرىدا خۇددى لەرزىگە كېلىپ مەۋج ئۇرغان دېڭىز سۈيىدەك توختاۋسىز داۋالغۇش ﻫاسىل ئەتتى. روﻫلۇق ئىرادەم بىلەن مەنىۋىي چۈشكۈنلۈكۈم ئوتتۇرىسىدا جەڭنامىلەردىكى رەقىبلەرنىڭ قىلىچلىرىدىكى جاڭ-جۇڭ ئاۋازلىرىدەك كەسكىن توقۇنۇش داۋام ئەتمەكتە ئىدى.
—مەشۇقىدىن يۈز ئۆرۈش تېخىمۇ چەكسىز ئازابلارنىڭ باشلانمىسى،—دەيتتى چۈشكۈن مەنىۋىي ﻫالىتىم.
—چۈشكۈنلۈك بىلەن ئىرادە مەڭگۈ كېسىشمەيدىغان گورزىنتال تۈز سىزىق،—دەيتتى ئىرادەم.
— ۋىسال جامىدىن ساڭا شەربەت يوق، ئۆزۈڭنىڭ خاﻫىشىنى كۆڭلۈڭنىڭ مەيلىگە تاشلاپ ئازاب دەرياسىغا ئاداققى غەرق بولۇشلا ئاخىرقى تاللىشىڭ.
— كەسكىنلىك ئىرادىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى، تىنىمسىز مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان ئىرادە قىلىچىمنى جاﻫاندىكى ﻫېچنەرسە داتلاشتۇرالمايدۇ.
— ئاشىقلىقنىڭ ئىختىيارلىقى سېنى ﻫامان بىر كۈنى مېنىڭ يېنىمغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ.
مەنىسىز سۆﻫبەتلىشىشتىن ئىرادەم كەسكىن يالتايدى-دە، ئاداققى ۋىسالنى كۆزلەپ قۇم-بارخانلار ئۇچۇپ يۈرگەن، بورانلار گۈكىرەپ دەرﻫال يۈتىۋېتىدىغاندەك نەرە تارتىۋاتقان ئاشىقلىق چۆلىگە دادىل يۈزلىنىپ مەردانە قەدەم تاشلاشقا باشلىدىم.
تېمىڭىزدىكى ئىملا خاتالىقى تۈزىتىلدى. تېما يوللىغاندا ئىملاغا ئالاﻫىدە دىققەت قىلىپ، بولۇپمۇ ئې، ئى ، ئۆ ، ئۈ ﻫەرپلىرىنى(مەسىلەن: چۈلى ئەمەس چۆلى، كېچىگىمدە ئەمەس كىچىكىمدە) جايىغا ئىشلىتىپ يوللىشىڭىزنى، ئېسىل تېمىلىرىڭىزنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
–تەﻫرىردىن
تەﻫرىر: نەفىسە