بۈگۈن يىللارنى ساناپ باقتىم..
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1066 قىتىم
<<بەش يىل، بۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتكەن يىللار بولدى>> دەپ تەسۋىرلەشكە مەن بەك ئاجىز، تالاي كېچىلەردە كىرپىك قاقماي ئىچىمدىن پاتماي چىقىۋاتقان پىغانلىرىم بىلەن پۇشايمانلىق ﻫىجرانلىرىمنى سىزگە ئېيتقىنىم يادىمدا دادا! ئادەم بارلىق نەرسىلەر قولدىن كەتكەندە، پۇشايمان ئىچىدە ئۆتىدىكەنيۇ يەنە بەزەن نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىڭىزدا سىزگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلەرنىڭ قەدرى - قىممىتى قېلىشنى بىلمەيدىكەنمىز. خۇددى ئاشۇ بەش يىلىمدا مەن كىملىكىمدىن ئۆزەمنىڭ كىملىكىمگىچە ئوبدانراق تۇنۇشقا پۇرسەت بولغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يوقىتىش، پۇشايمان ماڭا خىرىس بىلەن باققانلىقىنى بىلمىگەنلىكىم مېنىڭ گۇناكارلىقىمنىڭ بەلگىسى، پۇشايمىنىمنىڭ ئاچىقۇچى بولۇپ كەلمەكتە. <<بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەن ئادىمىيلىك بىلەن ياشىشىمىز كېرەك!>> دەپ شۇ پەلسەپەمدە چىڭ تۇرۇپ ياشىدىم دېسەممۇ، ئادىمىيلىكنىڭ قانداق نەرسىلەرگە قارىتىلغانلىقىنى تېخىغىچە بىلمەي ياشىغانلىقىم مېنىڭ جانسىز، شۇ قەدەر ساپ بولغان خىياللىرىمغا تايىنىپ ﻫۆكۈم قىلىشلىرىم ئىكەن.
بەش يىل، مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى ماڭا شېرىك قىلغان يىللار، مەن مۇﻫەببەت ئۈچۈن كۆيگەن، سۆيۈلگەن ۋە خارلانغان، تالاي كاللىلاردا ئاشۇنداق بىر قىز دەپ ئاتالغان ئىدىم.
بەش يىلدا مەن نادانلىقتىن خۇرسىنغان، ئەقىللىقىمدىن ئۆكۈنگەن ، <<ئەجەب ئۈنسىز ئۆتۈپتىمەن>> دەپ يىللارنىڭ قەدرىگە يېتىپ تۇرۇپ خازان قىلغان ئىدىم.
بەش يىل، ياستۇقلۇرۇمغا ﻫەمرا بولغان سېغىنىشلىرىمنى، ئايىقى چىقماس ئارمانلىرىمنى تۆكۈشنى، ئۇيقۇلۇرۇمغا، چۈشلىرىمگە بەخشەندە قىلغان ئىكەنمەن. بەش يىلنى ئەنە ئاشۇنداق ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمدە، مەن ئۆزۈمنى بەختلىك، سۆيۈملۈك، ئەزىز دەپ باققانلىقىمنى، بۈگۈنمۇ ئاشۇ بىر كۈنۈمدەك ئېنىق، غۇۋا، يۇشۇرۇن ئەسلىيەلىگىنىمنى، ئەسلىمىلىرىرىمگە سىڭىپ كەتكەن بالىلىق ۋاقىتلىرىمنى قۇچاقلىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. مەن ئەنە ئاشۇنداق بەش يىلدا بەش قېتىم قەدەمدە، ئىككى قېتىم تەۋەككۇلدا، تۆت قېتىم شادلىنىشتا يۈرۈپ باققىنىمنى بىلىمەن.
گۈزەللىك ئالىمىدە، سېﻬرىكەش بۇ كۈنلەردە، رەڭگارەڭ دۇنيادا، قارا تۇپراق ئاستىدا ، ئۈجمە دەرىخىگە ﻫەمرا بولۇپ، بىزگە ئىنساب تىلەپ ياتقان سىزنى سېغىنىپ تۇرۇپ دەيدىغاننى دېيەلمەي ئۆتكىنىمنى پۇشايمانلىق، ﻫىجرانلىق ئىچىدە ئۆكۈنۈشنى ئۆزۈمگە ﻫەدىيە قىلىمەن. ئەتتىكەنكى تاڭدا، كەشتىكى شەپەقتە بەش يىلدىكىدەك بىر كۈندە دادا سىزنى قۇچاقلاپ ، سۆيۈپ ، قاقاقلا پ ، ﻫومۇيۇپ ، يىغلاپ تۇرۇپ كۆزلىرىمگە غەيرىتىمنى يىغىپ تۇرۇپ سېغىنىمەن ، كۈيلەيمەن، يازىمەن، يازغانلىرىمنى بۇندىن كېيىنكى كۈنلىرىمگە بەخشەندە قىلىمەن.