guide
كىملىك گىمنازىيەسى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
886 قىتىم
   

    قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ ،رەڭگا-رەڭ گۈللەرنىڭ ﻫېدلىرى دىمىقىمغا ئۇرۇلۇپ ،ﻫاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپ مەيىن شاماللارغا جۆر نەمخۇش يامغۇر تامچىلىرى سەبىيلىك بالقىغان مەڭزىلىرىمنى يەڭگىل سىپاپ ئاياغلىرىم ئاستىغا ئىز سالغاندىلا مەن پەقەت مەن ئىكەنلىگىمنى ئاستا-ئاستا ﻫېس قىلىشقا باشلىدىم.
    گويا بۇلبۇللارنىڭ خەندانلىرىدەك جاراڭلىق ،ئۆزگىچە سادالىرىڭ قەددىمنى تەۋرىتىپ ،يۈرىكىمگە ئوتقاشتەك زەرەت بەرگەن قىزىل گۈل كەبى تەبەسسۇملىرىڭ دىلىمغا ئەبەدىيلىك تاج بولۇپ، ﻫېـتىرقاش ۋە ياشلىق ئىپپەتلىرىڭ ئېلىپ كەلگەن بىپەرۋا ئىزگۈلىرىڭ ئۆزۈڭگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ مەﻫرۇملۇق سەن ۋە سەنسىز ﻫەر بىر دەقىقىللىرىمگە ئورناپ بارغاندىلا مەن پەقەت مەن ئىكەنلىگىمنى بىلىشكە ﻫازىرلانغان.
    خىلۋەتلەردە ئېيىتقان ناخشىلىرىڭغا جۆر بولۇپ ،يۇلتۇزلارغا بەدەشقان قۇرۇپ ئارمانلىرىڭغا تەسلىم ساڭا كۈنلۈك تۇتۇپ ئولتۇرۇشنى ﻫاياتىمدىكى ئەڭ زور خۇشاللىق دەپ بىلگەن دەقىقىلىرىمدە مەن پەقەت مەن ئىكەنلىگىمنى چۈشىنىشكە ئالدىرىغان.
    تىنىقلىرىڭغا غەمخان،سايىلىرىڭدا ئۆزۈمنى بەخت ،ئىقباللار تەمەنناسىغا يۈكلىگەن ،ئازاب ۋە جەۋرىلىرىمنى سېنىڭ كۈلگۈنلىرىڭگە ئاتاشتىن ئۆزگە نىجاتلىق تاپالمىغان ساڭا تالىق نەپەسلىرىمنىڭ پۈتۈن دەملىرىدە مەن پەقەت مەن ئىكەنلىگىمگە ئىشىنىشكە تۇتۇندۇم.
    ئىسمىمنى مۇپەسسەل چاقىرىپ، كۆزۈڭ كۆزۈمدە،مۈرەڭ مۈرەمدە شۇنچە نۇرغۇن داۋان-يوللارنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇپ غەمسىز كېتىۋاتقان ئاسايىشلىرىمىزدا مەن پەقەت مەن ئىكەنلىگىمگە يەتتىم.