سۆيگۈ يادىكارى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 738 قىتىم
سۆيگۈ يادىكارى(دىلداش)
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)
قەلبىم كۆزنىكىنى ئىشقىڭ بىلەن چەككەن،مىسكىن ﻫالىمغا مېﻬىر سۈيۈڭنى تامدۇرغان قەدىرلىك نىگارىم.ساڭا شۇتاپتا يۈرىكىمدىكىنى تۆككۈم كەلدى.ماڭا بىر ئىجازەت بەر يۈرەك سۆزلىرىمنى ساڭا دەۋالاي،مەيلى ئاڭلىغىن مەيلى ئاڭلىما چۈشكۈنلىكتىن يىنىكلەي.سۆز ئوينۇتۇش ئۇرنغا ﻫەقىقى يۈرەك ئىزﻫارىمنى سۇناي.مۇنازىرسىز ﻫەقىقەتكى سەن مەن ئۈچۈن شۇنداق ۋاپادار ئىدىڭ.مەن شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمەنكى:
ئىقىل كۆزۈم ساداقىتىڭىدىن نۇرلانغان،ۋاپادارلىقىڭدىن ﻫايات مىزانىم ئۈلگە ئالغان ئىدى،ئەپسۇس تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان چاقچقى بىلەن تەڭلا مەندىن يۈز ئۆرىدىڭ.مەن سەن ئۈچۈن شۇنداق ۋاپادار سانىلاتتىم،لىكىن نىمە بولغانلىقىنى ئۆزەممۇ بىلمەيلا قالدىم ئۆزەڭچە مەندىن يۈز ئۆرىدىڭ.تالاي ۋەدەلەر سېنىڭ پەرۋاسىزلىقىڭدىن مۇڭلاندى.دوستلۇق ﻫۆرمىتىم ،ساڭا بولغان سۆيگۈ ساداقىتىم سېنىڭ ئالدىڭدا بۇيۇن قىستى....
توختىماي قىلىندىغان تېلېفۇن ۋە ئۇچۇرلۇرۇڭ تۇرمۇزلۇنۇپ قالدى....
ساڭا بولغان تەققەزالىقىم قانچە كۈچەيگەنسىرى سېنىڭ پەرۋاسىزلىقىڭمۇ ئۆرلەپ باردى.قەلىب خەزنەڭگە نىمە سەۋەپتىن قۇلۇپ سىلىنغانلىقنى تالاي ئويلاندىم.گەرچە مەن تالاي ﻫېكمەتكە تولغان سۆزلىرىڭنى تەشنالىق ئىچىدە سىغىنغان بولساممۇ،سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى تەشنالىق ئىچدە خىيال قىلساممۇ،ئۆتكەن ئۆتمۈش مېنى سەگىتەلمىدى...كۆڭلۈم ﻫىچ بىر تەسەللى تاپالمىدى.ئۆزەمدىن نەپرەتلىنىپمۇ باقتىم،خىياللىرىمدا ﻫەر بىر ﻫۆجەيرىلىرىمنى تەپەككۇرۇم بىلەن ئوپراتسىيە قىلشقىمۇ ئۈلگۈردىم.ﻫېسچە مەندە نە سەۋەنلىك بولسۇن؟مەن ساڭا قانداق ۋاپاسىزلىق قىلدىم؟ئۈزەلمەس سۇئاللار يەنىلا مېنى ﻫالسىراتتى....
تەكرار ئوي خىياللارنىڭ مەﻫسۇلى ئۈچۈن يۈرىكىم قىتىدىن سۆيگۈ يادىكارى سۈپتىدە مۇنۇ مىسرالار تىزىلدى:
ئەسلىگىن يۈرىكىم سەن بىلەن قالدى،
ئەسلىگىن ﻫاياتىم سەندىن نۇر ئالدى.
ئۇنۇتما،نەقەدەر پاكتۇر بۇ سۆيگۈ،
ئەمما ئۇ پاك پېتى مەڭگۈ تاق قالدى.
ئاخىرقى خۇلاسەم:ﻫەر قانچە قەدىرلىك مۇﻫەببەتمۇ قىسمەتلەر ئالدىدا بۇيۇن قىسىدىكەن.ۋاقتىڭ ئۆتۈشى تەقدىرنىڭ ئۆزگۈرۈشلىرى يۈرەكنىڭ خاراكتىرىنى تىپ- تىنچ ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن.... مەيلى مېنى سۆي ياكى سۆيمە،مەندىكى يۈرەكنىڭ ساڭا كۆيدىغانلىقنى مەڭگۈ ئۇنۇتما!
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەﻫەر ناﻫيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.