guide
قورقىمەن (نەسىر)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
850 قىتىم
قورقىمەن
(نەسىر)


مەن نۇرۇزغا تەلپۈنىمەن ،نۇرۇزنى ياخشى كۆرمەن ، جۇت شىۋىرغاندىن قورقىمەن .
مەن ﻫەر كۈنى يۈزلەرچە ئۇقۇغۇچىغا مۇنبەردە تۇرۇپ دەرىسنى دۇرۇس ئۆتىمەنۇ،‹‹ئوتتۇرغا›› چىقىشتىن قورقىمەن .
ياشنىپ قالغان ،باققۇنچىسى يوق بىر خوشنام بار ئىدى كۈندە بىر قاچا ئاش بېرەي ،ساۋاپ تاپاي،ئىنساندارچىلىق قىلاي دەپ ئويلايمەن لىكىن ئاشنى يەپ بۇلۇپ ،قازايى بالا يىتىپ توپپىدە بىر كىچىدە ئۈلۈپ كەتسە،تۆﻫمەتكە قىلىشتىن قورقىمەن .
قايسى بىر كۈنى كوچىدا بىرسىنى موتسىكىلىت سۇقۋىتىپ قېچىپ كەتتى.‹‹ﻫۇ نائەﻫلى ،جوﻫوت﹗›› دەپ قاتتىق كايىدىم –دە،زىيانلانغۇچىنى يۆلمەكچى بۇلۇپ موتسىكىلىتىمنى دەرﻫال توختاتقاندا يۈرىكىم بىردىنلا تاشقا ئايلىنىپ قالدى .‹‹قاچقۇن قېچىپ قۇتۇلدى ،مۆمىن قارى تۇتۇلدى ››بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشتىن قورقىمەن .
ئاتام ياشنىپ قالدى،ئاپام يوق،غېرىپسىنىپ قالدى.ئاجىزلاپ تۆت كۈنلىكى قالدى ،ئۆيگە ئەكىلىپ ئوبدان يىگۈزۈپ ،پاكىز كىيگۈزۈپ بېقۋالاي ،دۇئاسىنى ئېلۋالاي ،بالىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىۋالاي –دەپ ئويلايمەنۇ ،قايسى بىر كۈنى توساتتىن قازا يىتىپ تۈگەپ كەتسە،مەندىن باشقا سەككىز قېرىندىشىمنىڭ تۇشمۇ-تۇشتىن چىقىپ، ‹‹سەن ئاتامنى ئوبدان باقماي ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ ﹗››دىگەن قارغىشقا قېلىشتىن ،بۆﻫتام بىلەن قېرىنداشلىقتىن كېچىشىپ كېتىشتىن قورقىمەن .
باقماي دىسەم ئەل-جامائەتنىڭ مىنى ۋاپاسىز دەپ ئەيىپلىشىدىن ،ئاتامنىڭ تارىتقان ئازاپلىرىنىڭ ماڭا مىراس قىلىشىدىن قورقىمەن .
بىر قوشنام ‹‹كىچىك پالتىڭىزنى بىرىپ تۇرۇڭ،بېغىمدىكى دەرەخلەرنى پۇتىۋالاي››دەپ سورىدى .بېرەي دىدىم-يۇ بىرەر يېرىنى كېسۋېلىپ ،بىرەرسىنى....ماڭا دۆڭگەپ قويارمۇ دەپ قورقىمەن .
ﻫىچبىر ياخشى ئىش قىلالمايمەن .يامان ئىش قىلاي، باشقىلارنى قاقتى –سوقتى قىلاي ،ئاجىزلارنى بوزەك قىلاي ، ئۆزىمگە ئۇل سالاي دەيمەنۇ ،شۇنچىلىكمۇ يۈرىكىم،جۈرئىتىم يوق.تېخىمۇ قورقىمەن.
ئۇنى قىلىشتىنمۇ قورقىمەن .بۇنى دىيىشتىنمۇ قورقىمەن .ﻫىچ ئىش قىلالمايمەن .ﻫىچ بىر قىممىتىم بولمىغاندىكىن ئۆلەيچۇ دەيمەنۇ ،ئۆلۈمدىن قورقىمەن .
قېنى مىنىڭ ئادىمىلىكىم ،قېنى مىنىڭ يۈرىكىم ،قېنى مەندىكى غورور.
بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن،ئاتام نىمىشقا ماڭا قوي گۆشنىڭ ئورنىغا يولۋاسنىڭ گۆشنى ،تۇخۇ گۆشنىڭ ئورنىغابۈركۈت ياكى شۇڭقارنىڭ گۆشنى ،توشقاننىڭ گۆشنىڭ ئورنىغا تۈلكە ياكى ئىتنىڭ گۆشنى يىگۈزۈپ ئۆگەتمىگەندۇ ياكى يۇۋاش،ئاجىز نەرسىلەرنىڭ گۆشنى يىيىش ماڭا تەقسىم قىلىنىپ يارالمىشمىدۇ ؟﹗
سەن كىم ؟ مەن كىم؟ بىز كىم ؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تاپالماي ئىنتاﻫاندىن ئۆتەلمەسلىكىمدىن قورقىمەن .
بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمنىڭ مەندەك ئىنساپ بىلەن ئىناۋەت،ئىمان بىلەن خىيانەتنى خاتا چۈشنىۋالغانلىقىدىن قورقىمەن . يەنە توساتتىن غەيرەتكە كىلىپ ،كۆزىمنى يۇمۇپ قەتئى ئۆلۈمنى تاللايمەنۇ ،مۇنكىر –نەكىرلەرنىڭ سۇئال-سوراقلىردىن قورقىمەن .
ئاﻫ،ئەمدى مەن قانداق قىلاي ؟﹗
خىلمۇ –خىل پاسۇندا سۆزلەيمەن ،باش چۈكۈرۈپ دادىل ئىشلەيمەن بىراق ،كونىلارنىڭ ‹‹ئېغىز يۈگرىكى باشقا،..››دىگەن تەنبىﻬىدىن ،ﻫەق سۆزلەشتىن قورقىمەن .
ﻫاياتلىقتىكى تۈرلۈك تۈمەن سىناق ،ئىنتاﻫان سۇئاللىرى نىمە دىگەن قىيىن،قۇرقۇنۇشلۇقتۇ-ﻫە؟
ئاڭلىسام ئەينى دەۋىردە ناپالىئون بوناپاتنىڭ جىننىمۇ ‹‹ئەستايىدىل ،ئىمتاﻫان ››دىگەن ئىككى نەرسە ئالغانمىش . ﻫەي ...،شوڭا مەن قورقىمەن .