مەنمۇ سەنسىز ياشاپ باقاي
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1005 قىتىم
مەنمۇ سەنسىز ياشاپ باقاي!

مەن كۆڭۈل ئاياشنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمەن ، شۇنداق بولغاچقا تاشنى تاياققا تېڭىپمۇ يۈرمەيمەن ، ئەمدى بۇ ئېزىتقۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ بىۋاپالارغا ئۆزۈمنى ، ئەقىدەمنى خار قىلىپپ يۈرمەيمەن.چۈنكى ، ئەمدى بىلسەم ، ئۇلار مېنىڭ بۇنچىلىك ئاﻫ ئۇرۇپ ۋايساشلىرىمغا ئەرزىمەيدىكەن شۇنداق بولغاچقا ، مۇﻫەببەت پاتقىقىغا پېتىپ سېنى كېچە - كۈندۈز ساقلاپ ، ساڭا يالۋۇرۇپ ياشىغاندىن سەنسىز يالغۇز ياشاپ بېقىشنى ئەۋزەل دەپ بىلدىم.
مېنى ياقتۇرامدىغانسەن ؟
ئەگەر ، ياقتۇرساڭ پىيالەڭدە چاي بولاي ، قىيام بولاي !ياقتۇرمىساڭ، سەنسىز يالغۇز ياشاۋېرەي!
سەن تاپقان پۇللىرىڭغا ئىشىنەمسەن ؟
مېنىڭچە ، سەن چوقۇم شۇنداق،ئۇنداقتا ، ساڭا ئىلتىماسىم ، مېنى قۇلۇڭغا ئوخشاتما !مەن سەندەك تەكەببۇرلاردىن بىزارمەن !تەكەببۇرلارنىڭ تۇتقان يوللىرىدىن، باسقان ﻫەربىر قەدەملىرىدىن بىزارمەن !
قارغىنە ئاسمانغا،ئايمۇ كەڭ زىمىنغا نۇرىنى ئۆزى يالغۇز تۇرۇپ سېخىيلىق بىلەن چاچىدىكەنغۇ؟ئەگەر سەن بولمىساڭ مەنمۇ ئاشۇ ئايدەك يالغۇز ياشىسام نىمبوپتۇ ؟
سەن مېنىڭ كۆڭۈل دەپتىرىمدىن ئۆتمۈشۈمنى ئاختۇرما !مەن سۆيگەن ﻫەم مېنى سۆيگەنلەرنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ يۈرمىگىن !مېنىڭدىن ﻫەم سوراپمۇ يۈرمە!
سەن مېنىڭ يۈرۈكۈمنى تىڭشاپ باق ، ئۇمېنىڭ بۈگۈنۈم ۋە ئەتەم ﻫەققىدە ساڭا نېمىلەر نى دەركىن!
يۈرۈكۈم ،بۇ دۇنيادىن مېنى ئۆزى بىلەن تەڭ كۆرگەنلەرنى ئىزدەيدۇ !
خەيرىيەت ، بىۋاپا سۆيگۈنۈم سەنمۇ ئۆزۈڭنى جاﻫاندىكى ئەڭ <نوچى > دەپ ﻫېسابلاپ <مەغرۇر> ياشاپ باق !
مەنمۇ ، ئۆزۈمگە چەكسىز سېغىنىشنى ﻫەمراﻫ قىلىپ ئۆزۈم يالغۇز سەنسىز ياشاپ باقاي!!