guide
يۈرۈكۈم ساڭا ﻫەمراﻫ بولسۇن
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1158 قىتىم
يۈرۈكۈم ساڭا ﻫەمراﻫ بولسۇن !
 


مەندىن يىراق كەتمەكچى بوپسەن ﻫە!جېنىم؟
 
بوپتۇ ، ئۇنداقتا يۈرۈكۈم ساڭا يوللۇقۇم بولسۇن ،سەن ئۇنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەت.يەنە بارلىق شادلىقلىرىمنى يۈرۈكۈم بىلەن قوشۇپ ساڭا يوللۇق قىلاي سەن شادلىقلىرىمنىمۇ ئۆزۈڭگە ﻫەمراﻫ قىلىپ كەت ،بىراق بارچە ئازاپ - تەشۋىشلىرىڭنى ماڭا قالدۇرۇپ ،ئۆزۈڭ ياش تۆكمەي كۈلۈپ كەت !ئازاپلىنىش مەن بىلەنلا كەتسۇن.
 
سەن دىلىمغا سالغان بارلىق ئازاپلارنى ئۇنتىشىم مۇمكىن ، لېكىن سەن يۈرۈكۈمگە سالغان كۆيۈك ئوتىنى ئۆچۈرمىكىم بەك تەس ئەزىىم،راسلا بەك تەس!
 
 
سېنى كۈتىۋاتىمەن ، ﻫېلىقى بىز دائىم ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇق يادىڭدىمۇ ،؟مەن ﻫازىر شۇ ئورۇندۇقتا ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ سېنى كۈتىۋاتىمەن!
 
سەن يېنىمغا كېلەرسەنمۇ؟ ياق ،سەن مېنىڭچە چوقۇم كەلمەيسەن .بوپتۇ ،سېنى يېنىمغا كەلگىن دېمەيمەن .كەلمىسەڭمۇ مەيلى .
لېكىن ، بىز تونۇشقان ئاشۇ كونا جايدا غېرىبانە ﻫالدا سېنى كۈتىۋاتقىنىمنى ئۇنۇتمىغىن!
مەن ﻫەر تۈنلىرى سېنى ئەسلەيمەن  ،سەنچۇ مېنى ئەسلەمدىغانسەن ؟مەن ئۇزۇن كېچىلەردە سېنى چۈشۈمدىن بىردەممۇ نېرى قىلالمايمەن ،سەنچۇ ؟مېنى چۈشۈڭدە كۆرەمدىغانسەن ﻫە؟!
 
مېنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنىم پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ:
 
مېنى ئويلاپ قويغىن ئاشۇ يىراق جايلاردا  مېنى سېغىنساڭ مېنى ۋە ئىككىمىز بىللە ئۆتكۈزگەن قىسقا ئەمما تولىمۇ گۈزەل مىنوتلارنى ئويلاپ قويغىن.سەنمۇ مەندەك خىياللار سۈرۈپ مېنىڭ قەدىرىمگە
ۋە دەدرىمگە يەتكەندە مېنى ئويلاپ قويغىن!
 
 
سەن كەتتىڭ يۈرەك پارەم، يۈرۈكۈمنى سۇغۇرۇپ كەتتىڭ ،توختا  ساڭا بېرىدىغان يەنە بىر يوللۇقۇمنى ئۇنتۇپتىمەن  ئۇ بولسىمۇ ، مېنىڭ پاك سۆيگۈم.سەن سۆيگۈمنىمۇ بىللە ئېلىپ كەت  ئۇ ﻫەر جايدا ساڭا ﻫەمراﻫ بولسۇن !!
 
خەيىر سۆيگۈنۈم ، ساڭا ئاق يول تىلەيمەن ، سېنى سۆيگەن پەقەت سەندىىن ئۆزگىگە سوقمايدىغان ،ﻫەربىر سوقۇشلىرىدا پەقەت سېنىڭلا ئىسمىڭنى چاقىرىپ سوقىدىغان يۈرۈكۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم ، ئۇساڭا ﻫەمراﻫ بولسۇن !
 
پەقەت ئۆزۈڭگىلا مەنسۇپ بولغان مۇﻫەببىتىم بىلەن ساڭا بەخىت ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن ئاللاﻫ سېنى ئۆز پاناﻫىدا ساقلىسۇن !