guide
كونا ئورۇندۇق(ﻫېكايە)
يوللانغان ۋاقتى :
10-04
كۆرۈلۈشى:
1351 قىتىم
كونا ئورۇندۇق
(رۇستەم بەكرى)

-رۇستەم، ئاداش، مەن سەل كەچىرەك قالىدىغان ئوخشايمەن. بۈگۈن يۇرتتىكى بالىلار نەچچىسى ساياﻫەت قىلىپ ئويناپ كېلىپ قاپتۇ،  شۇڭا شۇلار بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم. سەنمۇ ﻫازىرلا مۇشۇ يەرگىلا كېلە ئاداش، بىز .................
-بولدى رەﻫمەت مەۋلان، مەن بۈگۈن سەل چارچاپ قاپتىمەن، شۇڭا كىرىپ بىردەم كومپيۇتېردا كىنو كۆرۈپ ئارام ئالاي. قالغىنىنى ئەتە كەچقۇرۇرۇن تەڭ كۆرۈشۈپ بېرەي. ﻫەم كەلگەن دوستلىرىڭنىمۇ ئەتە مەنمۇ بىر قوللۇق كۈتۈۋالاي.........................
راستىنى دېسەم بۈگۈن ﻫەپتە ئاخىرى بولغاچقا كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ بىر نەچچە خىزمەتداشلار بىلەن بىز ئارىلاپ-ئارىلاپ سورۇن تۈزەپ ئولتۇرۇپ قالىدىغان بىر  كونا جاي بارتى، بۈگۈن كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن ئۇلار بىلەن ئىشتىن چۈشۈپ شۇ يەردە بىردەم، يېرىمدەم ئەسىرالىشىپ ئولتۇرۇشقا پۈتۈشتۇق. شۇڭا سەل ئىستىمال جىق كەتكەچكە بايىقى باﻫانە بىلەن بارمىغان.
بىز ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ قايتىپ مەن مەۋلان تۇرغان مەﻫەلىگە بارغان چاغدا سائەت 10 يېرىم بولاي دەپ قاپتۇ. ئۇنىڭ 6-قەۋەتتىكى ئۆيىگە قارىسام ئۇ تېخى كەلمەپتۇ.
مەۋلان مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ﻫەم يېقىن ئاغىينەم. ئۆزى ئۈرۈمچىدىن. ئەمما ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن ياقى قىلغان خىزمىتى ئۆزىنىڭ نەچچە يىلدىن ئۆگەنگەن كەسپىگە ماس كەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۇ خىزمىتىنى يېرىم يىلمۇ قىلماي ئىستىپا بېرىپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇ-بۇ سودا-ئوقەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ يۇردى، ئاخىرى توي-فىلىم ﻫەم ئېلانچىلىق كەسپىگە قىزىقىپ قېلىپ شۇنى ئۆگىنىپ بولۇپ، 1 يېرىم يىلدەك مائاشقا شاگىرىت بولۇپ ئىشلەپ، كېيىن بۇ كەسىپنى ئۆز ئالدىغا قىلماقچى بولۇپ دۇكان ئېچىش نىيىتىدە تۇرپانغا كەلگىلى 2 يىل بولاي دەپ قالدى.  ئەلۋەتتە 2 يىلدەك ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ئۆز ئالدىغا ئىش باشلاي دېسە رىقابەت كۈچلۈك بولغاچقا ئاۋۋال تۇنجى قەدەمنى تۇرپاندىن باشلىدى. ﻫازىر ئۇنىڭ ئىشلىرى خېلى ياخشى.
ئۇ شۇ نىيەت بىلەن تۇرپانغا كەلگەندە ئۆي مەسىلىسىدە، مەن ئۇنىڭغا ئۇقۇشۇپ بىزنىڭ مەﻫەللىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر ئولتۇراق مەﻫەللىدىنىڭ 6-قەۋەتتىن بىر يۈرۈش ئۆينى تېپىپ بەرگەن. مەن ئادەتتە ئۆزۈم ياكى يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچە دوسلىرىم بىلەن ﻫەپتە ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەتتۇق. ئۇنىڭ يەنە بىر قىزىقىشى بولسا ئۇ ئارىلاپ-ئارىلاپ تور ﻫەم مۇنبەرلەرگە  شېئېر ﻫەم ﻫېكايە يوللاپ تۇراتتى.  شۇنداقلا ئۇ تورغا يوللىماقچى بولغان ئەسەرلىرىنى توللىراق يوللاشتىن بۇرۇن چوقۇم مېنىڭ كۆزۈمدىن بىر كەچۈرگۈزەتتى. خۇددى مەن مۇﻫەررىردەك، بەلكىم بۇمۇ مېنى يېقن دوسرۇم دەپ قارىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
ئۇ بۈگۈنمۇ چۈشكە يېقىن يەنە بىر يرڭى ئەسىرى ﻫەقتە تېلېفۇن قىلىپتۇ. بۈگۈن كەلگىچە كەچ بولۇپ كەتتى، ﻫەم ﻫاۋازىر گەرچە كەچ بولسىمۇ ﻫاۋا سە ئىسسىق ﻫە تىنجىق. شۇڭا بۇرۇن ئۇ ماڭا بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىدىن بىرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى بۇ تىنجىق ﻫاۋادا يەنىلا بىنا ئالدىدىكى كىچىك ئورمانلىقتىكى بىرەر ئورۇندا يانفۇن ئويناپ سالقىنداشنى لايىق تاپتىم. بايام مەۋلان ئۇرغان تېلېفۇنمۇ دەل مەن كېلىپ ئانچە ئۇزۇن بولمىغان چاغدا كەلگەن....
مەن بىنا ئالدىدىكى بىر ئورۇندا ئۇرۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ يانفۇننىڭ ئۈندىدارىدا دوستلار بىلان ئۇچۇر قېلىشىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىم ئېسىمدە يوق. بىر چاغدا ئەتىراپىمدىكى دەرەخلەرنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئېچىپ ئەتىراپىمغا قارىسام ﻫەقىقەتەن شامال چىقىۋېتىپتۇ. مەن ئۇخلاپ قالغاندا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن يانفۇنىمنى ئېلىپ قارىسام سائەت 1 يېرىمغا ئاز قاپتۇ. ماۋلاننىڭ ئۆيىگە قارىسام ئۇ تېخى كەلمەپتۇ. چۈنكى ئۇ كەلسە بىنا ئالدىدىكى مېنىڭ موتۇسىكىلىتىمنى كۆرسە ماڭا تېلىفۇن قىلماي قالمايتتى.
مەن شۇنىڭ بىلەن يەنە ئورۇندۇققا يۆلىنىپ سالقىن شامالدىن ﻫوزۇرلىنىپ ياتتىم. كۆزۈم ئۇيقۇغا يېڭى ئۇلاشقان چاغدا تۇيۇقسىزلا:
- سەن نېمىشقا مېنىڭ ئورنۇمدا ئولتۇرۇۋالىسەن؟! دېگەن خىرقىراق چىققان بىر موماينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
مەن دەرﻫال چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتىراپىمغا قارىدىم، ئەمما ﻫېچنىمىنى كۆرمىدىم.
-ﻫىي، قىززىق ئىشقۇ؟ بايا بىر ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغان، ئەجىبا ﻫېچنېمە كۆرۈنمەيدا؟ ﻫەي بولدىلا بەلكىم ئەتىراپتىكى بىنادىكىلەردىن بىرەر ئۆيدە ئۆز-ئارا دېيىشكەن گەپتۇ، دەپلا يەنە يانفۇنۇمدىكى ئۇچۇرلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە پۇتى ياي شەكىللىك يازاچ ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ يېنىك تەۋىرىنىپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتتىم. ئەمما ئارىلىقتا يەنە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي:
- سەن نېمىشقا مېنىڭ ئوتنۇمدا ئولتۇرىسەن؟!
بۇ ئاۋازنى قايتا ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن دەرﻫال ئورنۇمدىن تۇرۇپ يانفۇنۇمنىڭ يورۇقى بىلەن ئەتىراپقا قارىدىم. كۆرگىنىم بولسا پەقەتلا ئەتىراپىمدىكى دەرەخلەرنىڭ شىرىلداپ شامالدا يەلپۈنىگەن ﻫالىتىلا. لېكىن تۇيۇقسىزلا سول تەرەپ 10 نەچە مېتىر يەردىكى دەرەخلىكنىڭ سېمونت يول ياقىسىدا ئاقۇش بىر سىمانى كۆردۈم، لېكىن دەرەخ شاخلىرى شامالدا تەۋرەنگەشكە تازا ئېنىق كۆرەلمىدىم. شۇىڭ بىلەن مەن دەرەخلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئۇ يەرگە باردىم، قىززىق ئىش؟ ئەجىبا مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ؟ بۇ يەردە ﻫېچنېمە يوق.  - ﻫەي، بولدىلا چارچىغاندا ماڭا شۇنداق بىلىنگەندۇ، دەپلا  بايامقى ئورنۇمغا بېرىپ تېلېفۇن ئوينىغاچ 2 قەلەي قۇتىلىق پىۋىنى ئىچىپ ئۆيگە چىقىپ كېتىشنى نىيەت قىلىپ ئارقامغا ياندىم...
ئەمما مەن بايامقى ئورنۇمغا ئاز قالغاندا كۆزۈم دەل مەن بايا ئولتۇرغان ياي شەكىللىك ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا غىچىرلاپ يەڭگىل -كەينىگە تەۋرىنىۋاتقىنىنى كۆردۈم. بىراق ئۈستىدە ﻫېچقانداق ئادام يوق!  ئەمدى مېنى ﻫەقىقەتەن سۈر بېسىشقا باشلىدى،  شۇنداق بولسىمۇ مەن ئۇ ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان كىچىك سومكامنى ئېلېۋېلىش ئۈچۈن ئۇ ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا ئاستا يېقىنلاپ ماڭدىم، ئارىلىق يېقىنلىغانچە يۈرۈكىم بىر خىل ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى..... مەن ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ قارىسام ئورۇندۇق ئۈستىدا بىر قارا مۈشۈك ئەتىراپىنى ئايلىنىپ يۇرۇپتۇ.
-ئۇف ف ف،،،،،،، ئۆرگۈر مۈشۈك، ئادەمنى ئەجەپ قورقاتتىڭا؟!  دەپلا زەردە بىلەن ئورۇندۇقنىڭ ئاستىنى بىرنى تېپىشىم بىلەن ئۇ مۈشۈكمۇ سەت مىياڭلىغانچە قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىچىملىكتىن بىرنى ئېچىپ ئىچكەش تېلېفۇنۇمنى ئېچىپ ئۇچۇر كۆرۈشكە باشلىدىم..... لېكىن ئارىلىقتا تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرار دەپ تۇرغاندا 20 مېتىردەك دەرەخلىك ئىچىدە ئادام بويىدەك كەڭ ﻫەم ئېگىز بولغان بىر ئاق رەڭلىك رەخىتتەك بىر نەرسىنىڭ شامالدا  يەلپۈنۈۋاتقانلىقى كۆزۈمگە چۈشتى، ﻫەم بىلىنەر-بىلىنمەس لەيلەپ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى....................

-- (داۋامى بار)

--ئەسكەرتىش: ئۈشبۇ ﻫەم بارلىق ئەسەرلىرىم مەن ﻫەم مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە. ئەگەر باشقا مۇنبەر، ئۈندىدار سالونى ياكى تور بەتلەرگە كۆچۈرسىڭىز، چوقۇم مېنىڭ ياكى مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىڭ. ﻫەم ئاپتور(رۇستەم بەكرى) ئىسمى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئىسمىنى تەڭ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
( ئىجازەتسىز كۆچۈرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ)

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى

http://bbs.misranim.com/thread-142971-1-1.html