guide
باشسىز مۇردا
يوللانغان ۋاقتى :
02-16
كۆرۈلۈشى:
2802 قىتىم
   بۇ دۇنيادا جىن-ئالۋاستى بار دېسە پەقەت ئىشەنمەيمەن ، ماڭالايدىغان باشسىز مۇردىنىڭ بارلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنمەيمەن . ئاتالمىش قورقۇنۇچلۇق جىن-ئالۋاستىلار پەقەت قورقۇنچاقلار ، بولۇپمۇ ئاياللار بىلەن بالىلار ئويلاپ چىققان خىيالدىكى نەرسىلەر .
    جىن-ئالۋاستىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىسەممۇ ، ئەمما مېنىڭمۇ شۇنداق بالىلىق ۋاقىتلىرىم بولغان . كىچىكىمدە جىندىن بەك قورقاتتىم ، ﻫەر قېتىم قاراڭغۇ چۈشكىنىدە ، كەينىمدە جىن-ئالۋاستى ئەگىشىپ كېتىپ بارغاندەكلا ﻫېس قىلاتتىم . شۇڭا تۆۋەندە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ﻫېكايەم ﻫەرگىزمۇ جىننىڭ ﻫېكايىسى ئەمەس ، ئەگەر سىز راستىنلا جىننىڭ ﻫېكايىسىكەن دېسىڭىز ماڭىمۇ ئامال يوق .
    بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا بىز يېزىدا تۇراتتۇق . بىر كۈنى ئاپام بىلەن چوڭ ﻫاممامنى يوقلاپ كېلىشكە باردۇق . قايتىشىمىزدا ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئالدىنقى كۈنى قاتتىق يامغۇر ياغقاچقا پاتقاق يولدا مېڭىشىمىز تەسكە توختىدى . ئاپام مېنى قولتۇقلىغىنىچە تۆمۈريول رېلىسىنى بويلاپ ماڭدۇق ، بۇ يول باشقا يوللارغا قارىغاندا سەل ياخشى ئىدى . ئەگرى-بۈگرى تاغ يولى قاراڭغۇلۇقتا تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق تۈس ئالغان ئىدى . قاقاسلىق ئارىسىدىن تۇرۇپ-تۇرۇپلا شىلدىر-شىلدىر قىلغان ئاۋاز چىقىپ تۇراتتى ، ئىسىم زاتى يېزىلمىغان قەبرە تېشىنىڭ كەينىدىن سايىلەر غىل-پال ئۆتۈپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى . مەن بەك قورقۇپ كەتتىم ، بۇنى ئاپاممۇ سېزىپ قالدى .
    - قورقما بالام ، ئۇلار پەقەت تۈلكە ياكى خالتىلىق چاشقان ،-دېدى ئاپام .
    ئاپامنىڭ تەمكىن ۋە مۇلايىملىق چىقىپ تۇرغان سۆزىنى ئاڭلاپ خېلى تىنچلىنىپ قالغاندەكمۇ بولدۇم . تۇيۇقسىز مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئېچىنىشلىق چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ، قورققىنىمدىن شۈركىنىپ كەتتىم ۋە ئاپامنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇۋالدىم . قېرىشقاندەك كېچە ئاسمىنىدا ئايمۇ كۆرۈنمەيتتى ، تۈن قاراڭغۇلۇقى ئەتراپنى قاپلىغان بولۇپ ، يۇلتۇزلارنىڭ ئاجىز نۇرىمۇ تۇرۇپ كۆرۈنۈپ تۇرۇپ كۆرۈنمەيتتى . يېرىم يولغا كەلگەندە، دەرەخ شېخىغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتۈم .
    - بالام ﻫېرىپ قالدىڭمۇ نېمە ؟ ئولتۇرۇپ بىر ئاز ئارام ئېلىۋالايلى،-دېدى ئاپام .
    بىز رېلىس ئۈستىدىلا ئولتۇردۇق .
    - ئاپا، بەك قاراڭغۇ ئىكەن ، قورقۇۋاتىمەن، -دېدىم مەن .
    - قورقما بالام ، تەڭرى بىزنى ئۆز پاناﻫىدا ساقلايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىڭدا مەن بار، -ئاپام ماڭا تەسەللى بېرىۋاتقان ۋاقىتتا ، بىز كەلگەن تەرەپتىن بىر شەپە ئاڭلاندى .
    بۇ ئاۋاز بەك ئاجىز ئىدى ، ئەمما يول بويى مەن ئاڭلاپ كۆنۈپ قالغان ﻫېلىقى ئاۋازلارغا ئوخشىمايتتى . ئاۋاز ناﻫايىتى رېتىملىق ، توغرا بىرسىنىڭ ئاياق تاۋۇشىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى .
    - ئاپا، ئاڭلىدىڭمۇ؟
    - نېمنى؟
    - بىرى بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتىدۇ .
    ئاپام مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ۋە:
    - يوﻫان ، قوزام ، بۇ سېنىڭ خىيالىڭ . ئاراممۇ ئېلىپ بولدۇق ، ئەمدى يولىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى ، داداڭ ئەنسىرىپ قالىدۇ ، -دېدى.
    ئاپام بىر قولىدا مېنى يىتىلىگىنىچە يەنە بىر قولىدا قول چىراغنى يورۇتۇپ ماڭدى . بىر ئازدىن كېيىن كەينىمدىكى ئاۋاز بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك بىلىندى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆتۈكتىن چىققان ئاياق تاۋۇشىدەك قىلاتتى .
    - ئاپا، مەن يەنە ئاڭلىدىم.
    ئاپام كەينىگە قاراپ قول چىراقنى بوشلۇقتا بىر ئايلاندۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن:
    - قارا يوﻫان ، ﻫىچنىمە يوقكەن ، -دېدى.
    ئەمما مەن ئاپامنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇۋالدىم . قاراڭغۇ كېچىدە ئاپامنىڭ قولىدىكى چىراغ ئەتراپنى تېخىمۇ جىمجىت ۋە قاراڭغۇ كۆرسىتىپ تۇراتتى . تاغ شامالىنىڭ ﻫۇشقۇرتقان ئاۋازى تۇرۇپ پەيدا بولۇپ تۇرۇپ يوقاپ تۇراتتى . شامال ئاۋازى بېسىققىنىدا كەينىمىزدىن كېلىۋاتقان ئاۋازنىڭ بىر جۈپ ناﻫال قېقىلغان ئۆتۈك ئاۋازى ئىكەنلىكى ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى .
    - ئاپا ، بىزگە ئەگىشۋالغان ئاۋاز بىزگە يېقىنلاپ كەلدى ،-دېدىم يەنە.
    ئاپام قول چىرىقىنى بوشلۇقتا يەنە بىر پىرقىراتتى ۋە :
    - قارىغىنا بالام ، ﻫىچنىمە يوق . ئۇ پەقەت دەرەخ شېخىدىن چىققان ئاۋاز . قورقما، كېلە ئىككىمىز بار ئاۋازىمىز ناخشا ئېيتايلى،-دېدى.
    ئاپام ئىككىمىز «باتۇر يىگىت» دېگەن ناخشىنى ئېيتىشقا باشلىدۇق . مېنىڭ ئاۋازىم تىترەپ چىقاتتى ، ئەمما ئاپامنىڭ ئاۋازى خوشال ۋە جاراڭلىق ئىدى . ناخشىمىز تۈگىشىگە ئالدىمىزدىكى ئۆينىڭ چىراق يورىقىمۇ كۆرۈنىشكە باشلىدى ، بۇ دەل بىزنىڭ ئۆي ئىدى . بىراق كەينىمىزدىن كېلىۋاتقان ئۆتۈك ئاۋازى يوقاپ كەتمەستىن ، ئەكسىچە تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلدى .
    - ئاپا، ئاڭلىدىڭمۇ ؟ مەن قورقۇۋاتىمەن ، بىز يۈگىرەيلى!
    - يوﻫان دېدىمغۇ ، ﻫىچنىمە يوق ، قورقمىغىن، -دېدى ئاپام، -بىراق ئىككىمىز مۇسابىقىلىشىپ باقايلى ، قېنى كىم ئەڭ ئاۋال ئۆيگە يېتىپ بارالايدىكىن .
    جېنىمنىڭ بارىچە ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم ، دادام ئىشىك ئالدىدا بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . دادامنىڭ مېنى قۇچاقلىغان بىر جۈپ كۈچلۈك بىلەكلىرى ماڭا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلدى . دادام ئاپام ئىككىمىزنى قۇچاقلىغىنىچە ئۆيىمىزگە كىردۇق .
    ئاپام مېنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، كارۋىتىمغا ياتقۇزۇپ قويدى ۋە «كىچىك شاﻫزادە» ﻫېكايىسىنى ئېيتىپ بەردى . مەن كۆزلىرىمنى يۇمغاندىن كېيىن ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ﻫۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى . بىراق مەن پەقەت ئۇخلىيالمىدىم ، ياندىكى ﻫۇجرىدىن ئاپامنىڭ قورقۇنچى تېخى بېسىلمىغان ئاۋازى ئاڭلاندى :
    - سۆيۈملۈگۈم ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاياق تاۋۇشىنى يوﻫاندىن بۇرۇنلا ئاڭلاپ بولغان ئىدىم . ئەمما بالىنى قورقۇپ كەتمىسۇن دەپ ، يول بويى ﻫىچنىمە يوق ، خاتا ئاڭلىۋاپسەن دەپ كەلدىم . قول چىراقنى بىرىنچى قېتىم بوشلۇققا ئايلاندۇرغان ۋاقتىمدىلا بىزگە يىراق بولمىغان جايدا بىر ئادەمنى كۆردۈم ، ئۇ بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، بېشى يوق ئىدى.