guide
تەشتەكتىكى گۈل
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
1106 قىتىم
 
(ﻫېكايە)
تۇرسۇن كېرىم قارچۇق
   ئەتىگەندە سىنىپقا كىرىپلا دېرىزە تەكچىسىدىكى گۈللەرگە سۇ قۇيۇۋاتقان ئوقۇغۇچۇم مەرداننى كۆردۈم.
   - ئۆزۈڭ ئەكەلگەن گۈلگىلا سۇ قۇيۇۋاتامسەن ياكى ﻫەممىسىگىمۇ؟
   باشلانغۇچنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقىنىغا قارىماي خېلى ئىشلارنى دىتلاپ قىلالايدىغان، ئەقىللىق، تىرىشچان بۇ ئوقۇغۇچۇمغا ئامراق بولغاچقا چېقىشىپ سورىدىم.
   - ياخشىمۇسىز مۇئەللىم، ﻫەممىسىگە قۇيۇۋاتىمەن، بۈگۈن كۈنگە جۈمە. شەنبە، يەكشەنبە سۇ قۇيالمايمىز، شۇڭا ﻫەممىسىگە جىقراقتىن قۇيۇۋېتەي دېدىم.
   بىرىنچى سائەتلىك دەرسكە كىردىم. ﻫەر سائەتلىك دەرستە پۈتۈن دىققىتى بىلەن دەرس تىڭشايدىغان مەردان بۈگۈن دېرىزە تەكچىسىدىكى گۈللەرگە پات – پات قاراپ قوياتتى. تەنەپپۇستا دېرىزە تەكچىسىدىكى گۈللەرگە چاندۇرماي قاراپ باقتىم. سىنىپنىڭ مۇﻫىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بالىلارغا ئۆيلىرىدىن ئەكەلگۈزۈپ بىللە پەرۋىش قىلىۋاتقان گۈللەر ئارىسىدا مەردان ئەكەلگەن ئەتىرگۈل ﻫۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزگە ئالاﻫىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.
   چۈشتىن كېيىن بالىلار سىنىپ تازىلىقىنى قىلىپ بولۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. مەن بېشىنى چۆكۈرۈپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرغان مەرداننىڭ يېنىغا كەلدىم.
   - قايتمامسەن ؟
   - بىردەم تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئاندىن قايتىمەن.
   يېشىغا ماس كەلمىگەن دەرىجىدە ئىش ئۇقىدىغان بۇ بالىنىڭ ئەتىگەنكى دەرس ۋاقتىدا دىققىتىنى يىغالماسلىقى، كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىش، سورىغان سوئاللىرىمغا كۆزۈمگە قارىيالماي، بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي تۇرۇپ جاۋاب بېرىشى، ئاۋازىدىن بىلىنىپ تۇرۇۋاتقان جىددىيلىك ئەلۋەتتە نەزىرىمدىن ساقىت بولمىدى.
   - ئەمسە، ئىشىكنى تاقاشنى ئۇنتۇما، يولدا دىققەت قىلىپ ماڭ، مەن ئىشىكنىڭ تۈۋىگە كېلىپ بولۇپ ئۇنىڭغا تاپىلىدىم.
   - ماقۇل مۇئەللىم، خوش، ئۇ ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ جاۋاب بەردى.
   مەردان قارا رەڭلىك، ئۇزۇن لاتا سومكىنى كۆتۈرۈپ ئىلدام كېتىۋاتاتتى. سومكا بېغىنىڭ تۆۋەنگە چىڭڭىدە تارتىلىپ تۇرىشىدىن ئىچىدىكى نەرسىنىڭ خېلىلا ئېغىرلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. مەرداننىڭ ئۆزى ئەكەلگەن، ﻫۆپپىدە ئېچىلغان ئەتىرگۈلنى ئېلىپ ماڭغانلىقى ماڭا ئايان. ئۇ قارا سومكىنى بىردەم ساڭگىلىتىپ، بىردەم قۇچاقلاپ ماڭاتتى. ئۇنىڭ گۈلنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىغا قىزىققاچقا، كەينىدىن ئەگەشتىم. مەردان ئۇدۇل ئانىسى تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندىلا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى. چۈنكى، مەرداننىڭ ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەردان دادىسى بىلەن كونا ئۆيىدە، ئانىسى سىڭلىسىنى ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ﻫازىرقى ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. مەردان زالنىڭ ئىچىگە بىردەم قاراپ تۇرۇپ بىنانىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ﻫايالشىمايلا قايتىپ كېلىپ دالدىراق بىر جاينى تېپىپ تۇردى. مەنمۇ خالىي بىر جاينى تاللاپ ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي مۆكۈنۈپ تۇردۇم. بىردەمدىن كېيىن بىر تاكسى بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ ئىچىدىن قولىدا بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈۋالغان ئەر ۋە كىچىك بىر بالا چۈشتى. سىنچىلاپ قاراپلا مەرداننىڭ ئانىسىنىڭ ﻫازىرقى ئېرى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى تونۇۋالدىم. ئەر تاكسىدىن چۈشۈپلا قولىدىكى گۈلنى ئوغلىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. نەزىرىمنى ئىتتىك مەردانغا يۆتكىدىم. مەردان ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرۇپلا قالغانىدى. ئۇلار تولىمۇ قىزغىن، خۇشال كەيپىياتتا كىرىپ كەتتى. مەردان جايىدىلا زوڭزىيىپ، قارا سومكىنى ئېچىپ، تەشتەكتىكى ئەتىرگۈلگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى. خېلىدىن كېيىن ئۇ قارا خالتىنى تۈزەشتۈرۈپ قۇچاقلىغىنىچە كەينىگە ياندى. ﻫېلىدىن – ﻫېلىغا بىنا تەرەپكە قايرىلىپ قارىغىنىچە شۈكلەپ، تۈگۈلۈپ كېتىپ بارغان مەردان بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ گۈپپىدە يېقىلدى. مۆكۈنۈپ تۇرغان يېرىمدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتىم.
   - جېنىم ساقام، قاتتىق يېقىلمىغانسەن؟ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ كىيىملىرىنى قېقىشتۇردۇم.
   ﻫۈ...ﻫۈ...ﻫۈ..
   ئۇنىڭغا بۇ ئىشلار ﻫار كېلىپ يېرىلالماي ئاران تۇرغاچقا، مېنى كۆرۈپلا ﻫۆڭگىرەپ يىغلاپ كەتتى .
   - يىغلىما، سەن ئەقىللىق، چىداملىق يىگىت. كوچىدا بۇنداق قىلساڭ سەت تۇرىدۇ. كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتۈم.
   - يەك... .ﻫۈ... يەكشەنبە ئان.... ئانىلار بايرىمى، بۇ ... بۇ گۈلنى ئانام... ئانامغا بېرەي دېگەنتىم. ﻫۈ.... ﻫۈ..... ﻫۈ... دۈشەنبە كۈنى سىن... سىنىپقا باش... باشقا گۈلنى ئاپىراتتىم، ئۇنىڭ چىڭقىلىپ، ئۆكسۈپ تۇرۇپ مىڭ تەسلىكتە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىمدە بىر نەرسە شۇررىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولۇپ سۇسقىنە سىلكىندىم.
   - سەن ناﻫايىتى توغرا ئويلاپسەن. تەشتەك چېقىلىپ كېتىپتۇ، بىراق بۇ گۈلگە ﻫېچنىمە بولمايدۇ، ئەنسىرىمە. يۈر، مەن بىلەن بىللە ماڭغىن، ساڭا ياردەم قىلىمەن.
   گۈل دۇكىنىدىن تولىمۇ چىرايلىق تىزىلغان بىر دەستە گۈلنى ئالدىم – دە، مەرداننى يەنە ئۇنىڭ ئانىسى تۇرىدىغان بىنانىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ، ئۇنىڭغا گۈلدەستىنى تۇتقۇزۇپ تاكسىدىن چۈشۈرۈپ قويدۇم. ئۇ زالنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ تۆۋەنكى كالپۇكىنى بوشقىنە چىشلەپ سۇس كۈلۈپ تۇرغان چىرايىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى، قۇچىقىدا بىلىنەر – بىلىنمەس تىترەپ تۇرغان گۈلدىن سەل جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدىم.
   مەرداننىڭ زالغا ئاستا، قورۇنۇپقىنە كىرىپ، پەلەمپەيدىن ئېﻬتىيات بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان ﻫالىتىگە قاراپ ئىچىمگە قوقاس چۈشكەندەك بولۇپ كەتتىم، بوغۇزۇمغا ئېزگۈ بىر يىغا ئۇلۇشۇپ، دىمىقىم، كۆز جىيەكلىرىم ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى...