تۈرمىدە يېزىلغان ئەسەر — «نېمە قىلىش كېرەك؟»
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 869 قىتىم
ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن
نىكولاي گارىلوۋىچ چېرنىشېۋىسكىي 19 – ئەسىر رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتىزمىنىڭ ئۇلۇغ پىشىۋاسى، مەشﻬۇر ئىنقىلابىي دېموكرات جەڭچى، مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، ئەدەبىي تەنقىدچى، ئېستېتىكىشۇناس ۋە يازغۇچىدۇر.
چېرنىشېۋىسكىي ۋولگا دەرياسى بويىغا جايلاشقان ساراتوۋ شەﻫىرىدە پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى شۇ زاماندا ناﻫايىتى ئوقۇمۇشلۇق كىشى بولۇپ، ئۆيىدە نۇرغۇن كىتابلارنى ساقلىغان. چېرنىشېۋىسكىي بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا، پۇشكىن، گوگول قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، بېلىنىسكىينىڭ نەزەرىيەۋى ماقالىلىرىنى، چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى مەشﻬۇر ئەسەرلەرنى، ﻫەمدە تارىخ، جۇغراپىيە ۋە ئىلىم-پەنگە ئائىت باشقا كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىغان. يەنە لاتىن، گىرېك، فىرانسۇز، نېمىس ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى ئۆگەنگەن. لېكىن چېرنىشېۋىسكىي كىتاب بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، باشقا ﻫېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان كىتاب مەستانىسى ئەمەس ئىدى. ئۇ چار پادىشاﻫنىڭ مۇستەبىت ﻫۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ پاجىئەلىك مەنزىرىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قاچقۇن يانچىلارنىڭ بەخىتسىزلىكى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىك كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىگە قۇلاق سالاتتى. ئۇ كېيىن: «مېنىڭ بالىلىق ﻫاياتىم خەلق تۇرمۇشى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى، ئۇ چاغلاردا، بۇنداق تۇرمۇش مېنى ﻫەر تەرەپتىن ئورۇۋالغانىدى» دەپ يازغان. خەلقنىڭ ئازابى چېرنىشېۋىسكىينىڭ ئىدىيەسىدە كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغان. 1846-يىلى 18 ياشقا كىرگەن چېرنىشېۋىسكىي مۇنتىزىم ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتمەيلا، پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا كىرگەن.
چېرنىشېۋىسكىي ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللار دەل مەملىكەتنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىي ﻫاياتى داۋالغۇش ۋە زور ۋەقەلەر بىلەن تولغان يىللار ئىدى. رۇس خەلقىنىڭ چار پادىشاﻫنىڭ مۇستەبىت ﻫۆكۈمرانلىقىغا نىسبەتەن نارازىلىقى ۋە قەﻫرى-غەزىپى بارغانسېرى كۈچىيىپ، بولۇپمۇ 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاب غەربىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن مەملىكەتلەرنى قاپلىغاندا، چېرنىشېۋىسكىي ﻫەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىگە چوڭقۇر، سەمىمىي ﻫېسسىداشلىق قىلىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە، چېرنىشېۋىسكىي يانچىلىق تۈزۈمنى سۆكىدىغان ئىلغار دېموكراتلار بىلەن تونۇشىدۇ. بۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق فىرانسىيە پەيلاسوپلىرى ۋە خىيالىي سوتسىيالىزمچىلارنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقىدۇ. 1850-يىلى ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ساراتوۋغا قايتىپ كېلىپ بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئوقۇغۇچىلار ۋە بەزى زىيالىيلار ئارىسىدا ئىلغار ئىدىيەلەرنى تەشۋىق قىلغان. 1853-يىلى چېرنىشېۋىسكىي ئۆز يۇرتىدىكى بىر دوختۇرنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئائىلىسىنى پېتېربۇرگقا كۆچۈرۈپ كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان. پېتېربۇرگتا ئۇ، «ۋەتەن خاتىرىلىرى» بىلەن «زامانداشلار» دېگەن ئىنقىلابىي دېموكراتىك ژۇرناللارنىڭ ماقالە يازغۇچىسى بولۇپ قالغان. كېيىن دېسسىرتاتسىيە ياقلاشقا كىرىشىپ، 1855-يىلىغا كەلگەندە «سەنئەتنىڭ رېئاللىق بىلەن بولغان ئېستېتىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق مەشﻬۇر دېسسىرتاتسىيەسىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېرنىشېۋىسكىي «زامانداشلار» ژۇرنىلىدا «رۇس ئەدەبىياتىدا گوگول دەۋرى»، «پۇشكىن، ل. تولىستوي، شېدرىن ۋە ئوستىروۋىسكىينىڭ ماقالىلىرى توغرىسىدا» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئوبزورلارنى، پەلسەپە، تارىخ ۋە ئىقتىسادشۇناسلىققا ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان.
چېرنىشېۋىسكىي 1853-يىلىدىن 1862-يىلىغىچە پېتېربۇرگدا «زامانداشلار» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن، بۇ — رۇسىيە جەمئىيىتى كەسكىن ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان، شۇنداقلا بارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ﻫەممىسى يانچىلىق تۈزۈم بىلەن ئۇنىڭ قالدۇقلىرىغا قارشى كۈرەشكە يىغىنچاقلانغان دەۋر ئىدى. قىرىم ئۇرۇشى مەغلۇپ بولۇپ، رۇسىيە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكى ئاشكارىلغاندىن كېيىن، دېﻬقانلار قوزغىلىڭى يىلدىن-يىلغا ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە، چار پادىشاﻫ ﻫۆكۈمىتى خەلقنىڭ «تۆۋەندىن» ئاغدۇرۇپ تاشلىدىدىن قورقۇپ، 1861-يىلى «يۇقىرىدىن ئىسلاﻫ» قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىشقا مەجبۇرلىدى. لېكىن «ئىسلاﻫات» تىن كېيىن يەنىلا فېئوداللىق زۇلۇم ۋە كاپىتالىستىك ئېكىسپىلاتاتسىيەگە ئۇچرىغان دېﻬقانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى يامانلاشتى. شۇ چاغلاردا چېرنىشېۋىسكىي نىكراسوف ۋە دوبرولوبويوف بىلەن بىرلىكتە «زامانداشلار» ژۇرنىلىغا باشچىلىق قىلىپ، كۆپلىگەن ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلار بىلەن بىرلىشىپ ئىنقىلابىي ئىدىيەلەرنى تەشۋىق قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق يانچىلىق تۈزۈمنىڭ ﻫىمايىچىلىرى بىلەن لېبرالىستلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ئەپت-بەشرىسىنى پاش قىلىپ، ئاۋام-پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. چېرنىشېۋىسكىي «ئىسلاﻫات» تىن ئىلگىرىلا بىر تەشۋىقات ۋەرەقىسىدە: بۇ قېتىمقى «ئىسلاﻫات» بىر «رەزىل ئويۇن» دەپ كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ ئەمەلىي ﻫەرىكەت ئارقىلىق «ئەركىنلىككە ئېرىشىش» كە ئۈندىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېرنىشېۋىسكىي يەنە ئىنقىلابنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1861-يىلى رۇسىيەدىكى يانچىلىق تۈزۈمگە قارشى ئەڭ چوڭ ئىنقىلابىي مەخپىي تەشكىلات — «يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغاندا، چېرنىشېۋىسكىي ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ، ئۇنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئىلﻬامچىسى بولۇپ قالغان. چېرنىشېۋىسكىينىڭ مۇشۇنداق ئىنقىلابىي تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى چار پادىشاﻫ ﻫاكىمىيىتىنى ئىنتايىن ئالاقزەدە قىلىۋەتكەن. 1862-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ، «زامانداشلار» ژۇرنىلى مەجبۇرىي ﻫالدا نەشردىن 8 ئاي توختىتىلغان. شۇ يىلى 7-ئىيۇل چېرنىشېۋىسكىي چار پادىشاﻫ ﻫۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، پېتروپاۋلوۋىسكىيدىكى يالغۇز كىشىلىك زىندانغا تاشلانغان.
چېرنىشېۋىسكىي پېتروپاۋلوۋىسكىيدا قاماقتا ياتقان ئازابلىق 678 كۈن ئىچىدە ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغانلىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى. ئۇنىڭ «نېمە قىلىش كېرەك؟» ناملىق مەشﻬۇر رومانى دەل شۇ زىنداندا يېزىلغان بولۇپ، 1863 – يىلى «زامانداشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. «نېمە قىلىش كېرەك؟» رۇسىيەنىڭ 19-ئەسىر رېئالىستىك ئەدەبىياتىدا ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە نادىر ئەسەر بولۇپ، ئۇ چېرنىشېۋىسكىينىڭ تۈرمىدە تۇرۇپ خەلققە چىقارغان ئىنقىلابىي چاقىرىقنامىسى. روماننىڭ مەزمۇنى ئەركىن ئەمگەك قىلىش، ئاياللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشى ۋە ئەگرى – توقاي يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەخپىي ئىنقىلابىي پائالىيەتلەردىن ئىبارەت ئۈچ تال يىپ ئۇچىنى چۆرىدىگەن ﻫالدا چوڭقۇرلىشىپ، كىشىلەرگە پەقەت كۈرەش ئارقىلىقلا خەلقنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ «كۆڭۈلدىكى يار» نى ئىنقىلابقا ئىستىئارە قىلىپ، ئۇنىڭغا «تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىن، دۇنيادا يەنە نامراتلار بولمىسۇن» دەيدۇ. رومان جەمئىيەتتىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنى پاش قىلىپلا قالماي، بەلكى كىشىلەرگە ﻫەرىكەت يۆنىلىشىنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، روماننىڭ قوشۇمچ ماۋزۇسى «يېڭى كىشىلەر ﻫەققىدە ﻫېكايە» بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن مۇﻫىم دەۋر ئەﻫمىيىتىگە ئىگە ماۋزۇدۇر.
«نېمە قىلىش كېرەك؟» رومانى روس ئىنقىلابىي دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر.
روماننىڭ باش قەﻫرىمانلىرى «يېڭى ئادەملەر» — ۋېرا پاۋلوۋنا، لوپوخوف، كىرسانوفلاردىن ئىبارەت. ئاپتور بۇ ئادەملەرنىڭ ﻫاياتى، پىكىرلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش - ﻫەرىكەتلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. روماندا ۋېرا پاۋلوۋنانىڭ ئوبرازىغا كۆپ سەﻫىپە ئاجرىتىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلىق ۋە بالىلىق دەۋرىنى مىشچانلار ئارىسىدا ئۆتكۈزىدۇ. ئىنقىلابى دېموكراتىك كۆز قاراشلارغا بولغان لوپوخوف بىلەن تونۇشۇش ۋېرا پاۋلوۋناغا ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، مۇستەقىللىققا ئىگە بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ. «ئۆيدىن چىقىپ، ئۇ باشقا ئاياللارنى ئازاد قىلىشقا تىرىشىدۇ. تىككۈچىلىك كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇ يەردە كۆپلىگەن قىزلارغا يېڭىچە يول ئاچىدۇ. كۆرۈنۈشتە ﻫەممە نەرسە ياخشى داۋام قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. بىراق كۆپ ئۆتمەي ۋېرا پاۋلوۋنانىڭ كىرسانوفنى — لوپۇخونىڭ دوستىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ. بۇنى ۋېرا پاۋلوۋنا ئېرىدىن يوشۇرمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن لوپوخوف «سەﻫنىدىن چۈشۈش» نى قارار قىلىدۇ. ئۆزىنى يالغاندىن ئۆلدىگە چىقىرىشى ئۇنىڭغا يوشۇرۇن چەت ئەلگە كېتىشكە ۋە ئۇ يەردە ﻫاياتىنى كۈرەشكە بېغىشلاشقا ئىمكانىيەت تۇغدۇرىدۇ. ۋېرا پاۋلوۋنا كىرسانوفقا ياتلىق بولىدۇ. ۋېرا پاۋلوۋنا، كىرسانوف، لوپوخوفلار ئىشلەشنىلا بىلىدىغان ئادەملەر ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىن ﻫۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان، مۇزىكىغا، تىياتىرغا ﻫەۋەس قىلىدىغان ئادەملەردۇر. ئۇلار ﻫايات خۇشاللىقلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە تارتمايدۇ.
كىتابتا رەخمەتوفنىڭ ئوبرازىغا ئالاﻫىدە ئەﻫمىيەت بېرىلگەن. بۇ روماندىكى قەﻫرىمانلارنىڭ پىكرىچە ئۇ «ئۆزگىچە ئادەمدۇر». ئۇنىڭ ﻫاياتى ئىنقىلابقا خىزمەت قىلىش. ئىنقىلابقا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي بەختىدىن كېچىدۇ، ﻫەر قانداق سىناق ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. روماننىڭ ئالاﻫىدىلىكى تېز - تېز ئۇچرايدىغان چېكىنىشلەر، قەﻫرىمانلارغا مۇراجىئەت قلىشلار ۋە «پاراسەتلىك ئوقۇغۇچى» بىلەن قىلىدىغان سۆﻫبەتلەردىن ئىبارەت. بۇ چېكىنىشلەر ۋېرا پاۋلوۋنانىڭ چۈشلىرىگە، بولۇپمۇ تۆتىنچى چۈشىگە ئوخشاش روماننىڭ ماﻫىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ، «نېمە قىلىش كېرەك؟، قانداق ياشاش كېرەك؟ نېمىگە ئىنتىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.
چېرنىشېۋىسكىي رۇسىيە ئازادلىق ﻫەرىكىتىنىڭ پۇقرا زىيالىيلار دەۋرىدىكى «يېڭى كىشىلەر» نى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ يانچىلىق تۈزۈم ۋە كونا جەمئىيەتنىڭ قارشىلىقى ئۈستىدىن مۇقەررەر يوسۇندا غەلىبە قىلىدىغانلىقى ﻫەمدە شۇ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە: بۇ «يېڭى كىشىلەر» رۇسىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى «ئارتۇقچە ئادەملەر» ئەمەس، بەلكى نېمە قىلىشنى ئاللىقاچانلا ئېنىق بىلىپ بولغان بىر ئەۋلاد «يېڭى كىشىلەر» ئىدى. روماندىكى باش قەﻫرىمان ئايال ۋېرا پاۋلوۋنا يېڭىچە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققە ئىنتىلىۋاتقان قىزلاردىن بولۇپ، ئانىسى ئۇنى مال – دۇنيانى كۆزلەپ يۇقىرى تەبىقىدىكى بىرىگە ياتلىق قىلماقچى بولغاندا، ئۇ ئانىسىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدۇ. كېيىن ئۇ، ئۆزى قۇرغان تىككۈچىلىك زاۋۇتىدا ئاياللارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال قىلىش ۋە ئىش ﻫەققى تەقسىماتلىرىدا «سوتسىيالىستىك» پىرىنسىپنى قوللىنىپ، ئايال ئىشچىلارنى ئىشخانا باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرىدۇ ﻫەمدە مەكتەپ ئېچىپ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. لوپوخوف بىلەن كىرسانوف نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان تىپىك ئاددىي زىيالىيلاردىن بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ئۆزلىرىگە چىقىش يولى ﻫازىرلايدۇ. ئۇلار ئىشچىلارغا قىزغىنلىق بىلەن دەرس ئۆتۈپ، مەرىپەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەمبەغەللەرنى ﻫەقسىز داۋالايدۇ. ئۇلار يەنە بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئالىملار ۋە ﻫەربىي ئەمەلدارلار بىلەن ﻫەمكارلىشىپ دائىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە ۋە تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرىنى خەلققە بېغىشلايدۇ. «يېڭى كىشىلەر» ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالىيجاناب پوزىتسىيە ۋە ﻫەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ. ۋېرا ئېرى — لوپوخوفنىڭ سىرداش دوستى كىرسانوفنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، لوپوخوف بۇنى بىلىپ يالغاندىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ يوشۇرۇن ﻫالدا چەت ئەلگە چىقىپ كېتىدۇ. ۋېرا ئېرىنىڭ قازا تاپقانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، كىرسانوف بىلەن رەسمىي توي قىلىدۇ. كېيىن لوپوخوف ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە ۋېرانىڭ قىز دوستى بىلەن توي قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ئائىلە باشتىن – ئاخىر دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالىدۇ. روماندىكى ئاساسلىق پېرسوناژ رەخمەتوف ئەزگۈچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆز سىنىپىغا ئاسىيلىق قىلىپ، پۇقرا زىيالىيلىرى قاتارىغا كىرىپ، خەلق بىلەن يېقىنلىشىش ئۈچۈن، پۈتۈن رۇسىيەنى ئارىلاپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا ئوتۇنچى، قاداقچى، تاشچى بولىدۇ. ﻫەتتا ۋولگا دەرياسى بويىدا كېمە سۆرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا ئۇ بىر كەسپىي ئىنقىلابچى، يەنى بىر ئالاﻫىدە ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.ئۇ، شەخسىي مۇﻫەببەت بىلەن تۇرمۇشتىكى بارلىق ﻫۇزۇر – ﻫالاۋەتلەردىن ۋاز كېچىپ ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى تاۋلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ﻫالدا ناﻫايىتى ئاددىي – ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بارلىق ﻫاياتىنى ئۆزى تاللىۋالغان غايىسىگە بېغىشلايدۇ.
روماندا يېڭى ۋە ئالاﻫىدە كومپوزىتسىيە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، باشتىلا تەتۈر بايان ئۇسۇلى ماﻫىرلىق بىلەن قوللىنىلىپ، باش قەﻫرىمانلاردىن بىرىنىڭ سىرلىق يوسۇندا غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى ﻫېكايە قىلىنىش ئارقىلىق چار پادىشاﻫ تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ نازارىتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، كىشىلەرنى مەپتۇن قىلغۇدەك ئۈنۈم ﻫاسىل قىلغان. روماندىكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىدا، مەخپىي ئىنقىلابىي ﻫەرىكەتلەر، باش قەﻫرىماننىڭ شەخسىي تۇرمۇش جەﻫەتتىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى، ﻫەمدە ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ ئىنقىلاب يولىغا ماڭغانلىقىدىن ئىبارەت مۇﻫىم يىپ ئۇچلىرى راۋان ﻫەم جانلىق، ئەگرى – توقاي مۇرەككەپ يوللار ئارقىلىق بىر يەرگە يىغىلىپ، ئەتراپلىق، مۇكەممەل بىر تۇرمۇش كارتىنىسىنى ﻫاسىل قىلغان. ئايال باش قەﻫرىماننىڭ تۆت قېتىم چۈش كۆرگەنلىكى روماننىڭ سىيۇژىتىنى، ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي غايىسىنى نامايان قىلىشتا مۇﻫىم رول ئوينىغان. ئاپتور بۇ چۈشلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى، ﻫازىرى، كەلگۈسىنى نامايان قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. رومان ئۇسلۇب جەﻫەتتە ئۆزىگە خاس ئالاﻫىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بەدىئىي بايانى ﻫەمىشە سىياسىي مۇﻫاكىمە خاراكتېرىدىكى غايىبانە بايان بىلەن ماسلىشىپ كەلگەن. «ئاپتورنىڭ سەزگۈر ئەر ئوقۇرمەن» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆﻫبىتى، روماننى تېخىمۇ روشەن بەس – مۇنازىرە خاراكتېرىگە ئىگە قىلغان. رومان ئىشلىتىش جەﻫەتتىمۇ باي خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئاپتور چار پادىشاﻫ دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن «يېڭى كىشىلەر» ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىنى بىۋاسىتە بايان قىلماي، دائىم يوشۇرۇن ئوخشىتىش ۋە دارتمىلاش ئارقىلىق مەقسەتكە يەتكەن. لېنىننىڭ خانىمىنىڭ ئەسلىشىچە، «نېمە قىلىش كېرەك؟» لېنىن ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
1864-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، چار پادىشاﻫ سىياسىي ئىشلار مەﻫكىمىسى چېرنىشېۋىسكىي ئۈستىدىن ﻫۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۆزىنى سىبىرىيەگە جاپالىق ئەمگەككە سۈرگۈن قىلغان. يەتتە يىللىق جاپالىق ئەمگەك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، چار پادىشاﻫنىڭ ئەمىر – پەرمانىغا ئاساسەن، ئۇ يەنە ياكوت ۋە ۋېريسىككە سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈرگۈن، نەزەربەنت ۋە جاپالىق ئەمگەك بۇ ئىنقىلابچىنى جىسمانىي ۋە روﻫىي جەﻫەتتە دەﻫشەتلىك ئازابلىسىمۇ ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسىنى قىلچىمۇ ئاجىزلاشتۇرالمىغان. ئۇ يەنە داۋاملىق نۇرغۇن ئەسەر ۋە نەزەرىيەۋى ماقالىلارنى يازغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ﻫازىرغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. پەقەت «مۇقەددىمە» دېگەن رومانى مەخپىي ﻫالدا چەت ئەلگە ئېلىپ كېتىلىپ، 1877-يىلى لوندوندا نەشر قىلىنغان. بۇ رومان «يېڭى كىشىلەر ﻫەققىدە ﻫېكايىلەر» دېگەن روماننىڭ داۋامى بولۇپ، لېۋسكىي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئوبرازى يارقىن، چىن سۈرەتلەنگەن. بىز لېۋسكىي ئوبرازىدا، ئاپتورنىڭ سەپدىشى دوبروليوبوفنى كۆرەلەيمىز. «مۇقەددىمە» رومانىنى رۇسىيە ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىسى ئۈچۈن تىكلەنگەن خاتىرە مۇنارى دېيىشكە بولىدۇ.
چېرنىشېۋىسكىي سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنىپ، توپتوغرا 20 يىل جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈپمۇ، تۈرلۈك ئېغىر سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپمۇ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىزمغا بولغان ئېتىقادىغا باشتىن – ئاخىر سادىق بولۇپ، ﻫاقارەت خاراكتېرلىك كەچۈرۈمنامىگە قەتئىي قول قويمىغان. 1889 – يىلىغا كەلگەندە چېرنىشېۋىسكىي سۈرگۈندىن خالاس قىلىنىپ، يۇرتى — ساراتوۋغا قايتىپ كەلگەن. بىراق، ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ئەمگەككە مەﻫكۇم قىلىنىش، سۈرگۈنلۈك تۇرمۇش ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەچكە، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، تۆت ئاي تۇرمۇش كەچۈرۈپلا، يەنى شۇ يىلى 10–ئاينىڭ 29-كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئالەمدىن ئۆتكەن.